ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى كىشىلەر تەسەۋۇر قىلغاندىنمۇ ئاددىي بولۇشى مۇمكىن ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹پىسخولوگىيە ›› ژۇرنىلغا يېقىندا بىسىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ئادەم قانچە سەمىمىي كۈلسە ، ئۆمرى شۇنچە ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

ئامېرىكا مىچىگان ئىشتاتى ۋاينى ئۈنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50– يىللىرى تىزىمغا ئالدۇرغان 230 ئادەمنىڭ سۈرىتىنى توپلىغان ھەم سۈرەتتىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ، ئېغىرلىقى سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى تاپقان .

تەتقىقاتچىلار سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندىكى ئېغىز ھالىتى ، كۆز ۋە ئېڭەك قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسىنى تەتقىق قىلىپ ، ئۇلارنى بىرىنچى تۈردىكىلەر : پەقەت كۈلمىگەنلەر ، ئىكككىنچى تۈردىكىلەر : چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىگەنلەر يەنى چىراي مۇسكۇللىرىلا كۈلۈمسىرىگەنلەر ، ئۈچىنچى تۈردىكىلەر : سەمىمىي كۈلگەنلەر ، يەنى چىشلىرىنى چىقىرىپ ، باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قاقاقلاپ كۈلگەنلەر ، دەپ ئايرىپ ، ئاندىن ھەر بىر كىشىنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىر –بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىققان .

   نەتىجىدە ، ئالەمدىن ئۆتكەن 184 تەنھەرىكەتچى ئىچىدىن چىرايىدا ئازراقمۇ كۈلكە يوقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 72.9 ياش ؛ چىشىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 75 ياش سەمىمىي كۈلگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئۇزاق بولۇپ ،79.9 ياش بولغانلىقىنى ، يەنى ئۇلارنىڭ مۇز چىراي كىشىلەردىن يەتتە يىل ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بايقىغان .
 
   تەتقىقاتچىلار : بۇنىڭ سەۋەبى ، سەمىمىي كۈلۈمسىرەش كىشىگە شادلىق ۋە خۇشاللىق بېغىشلاپ ، يۈرەك كىسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىدىغانلىقىدا ، دېدى .
 
‹‹ پايدىلىنىش›› تىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يوقىلاڭ خىيال ۋە ھارغىنلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مىجەزى ئوچۇق ئادەملەرنىڭ ... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .