مەسغۇت خەسەنىتولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇش لازىم بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي

 مەسغۇت خەسەنى
 
تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇش لازىم
 
   بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇھىت، تەبىئىي مۇھىت، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. چۈنكى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېھتىياجلىق ئەڭ ئاساسىي تەلەپ ئۆزىگە تەۋە بىر ئايرىم جاي بولۇش بولۇپ، بۇ ئايرىم جاي دەل ئائىلىدۇر. ئائىلە بولغاندىلا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىخەتەر، تەبىئى مۇھىتنىڭ گۈزەل، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادە بولۇشىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 
تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك
 
   تۇرمۇش نىشانىنى بەلگىلىگەندە، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش، ھەم بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ناۋادا، بەلگىلىگەن تۇرمۇش نىشانى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكىنى قانچە كۆپ بولسا، روھىي بېسىممۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. ‹‹قانائەتچان كىشى دائىم خۇشال يۈرىدۇ›› دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، كۆڭۈل توقراق بولىدۇ. تەرىقەتچىلەرنىڭ پېشۋاسى لاۋزى: ‹‹غەمسىزلىكتىن ئارتۇق شاتلىق بولماس، قانائەتچانلىقتىن ئارتۇق بايلىق بولماس›› دېگەنىدى. ئادەم غەم – قايغۇسىز، قانائەتچان بولسا، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ساغلام كېلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.
 
ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك
 
   ئىقتىدارىغا ئوبيېكتىپ، توغرا ھۆكۈم قىلىش ياكى قىلالماسلىق، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىدارىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى زورىغا قىلغاندا، ھەمىشە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ ئىقتىدارىنى زىيادە تۆۋەن مۆلچەرلەپ، ئۆزىگە قويغان باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ، چۈشكۈنلۈكنى پەيدا بولىدۇ.
 
 سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان باغلىنىشلىقىنى ساقلاش كېرەك
 
   بۇنداق بولغاندا، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇھىتقا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدۇ. پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا دائىم خامۇشلۇق ۋە ئىچى پۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ھەر قايسى ياشتىكىلەر(بولۇپمۇ ياشانغانلار) بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلىش ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
 
ئىندىۋىدۇئاللىقنى ساقلاش كېرەك
 
   ئىندىۋىدۇئاللىق يەككە گەۋدىنىڭ خاسلىقى، يەنى، بىر ئادەمنى باشقا ئادەملەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىق ئېھتىياج، مەقسەت، قىزىقىش، ئىقتىدار، مىجەز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىقتىكى ئىقتىدار، قىزىقىش، مىجەز قاتارلىق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر چوقۇم ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، تۇرمۇشىدىن بەخت ۋە قانائەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەمدە ئىقتىدار بولۇپ، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە قىزىقىش بولمىسا، خىزمىتى مىجەزىگە ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە قانائەت ھېس قىلالىشى ناتايىن. ئەكسىچە، ئۇ خىزمىتىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىقتىدارى ئاجىزراق بولسىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئون ئۆلچىمى 2 قىسىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يوقىلاڭ خىيال ۋە ھارغىنلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .