ئادەتتە پسىخىك ھالەت تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ساغلام پسىخىك ھالەت، ناچار پسىخىك ھالەت، پسىخىك توسالغۇ، پسىخىك كېسەل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت

   ئادەتتە پسىخىك ھالەت تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ساغلام پسىخىك ھالەت، ناچار پسىخىك ھالەت، پسىخىك توسالغۇ، پسىخىك كېسەل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
 
 
      1. ساغلام پسىخىك ھالەت: ساغلام پسىخىك ھالەت تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. 1 خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۈمىدۋار ۋە روھلۇق بولۇش. بەلگىلىك ۋاقىتتا مەسىلەن، بىر ھەپتە، بىر ئاي، بىر پەسىل ياكى بىر يىلخۇشال كەيپىياتنى ساقلاش ھالىتى غەمكىنلىك ھالىتىدىن زور دەرىجىدە كۆپ بولۇش. 2 ئىجتىمائىي ئالاقىدە باشقىلارغا نورمال تەسىر بېرىش، پسىخىك پائالىيەتنى ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش، روھىي زەربىگە بەرداشلىق بېرىش كۈچى يېتەرلىك بولۇش. 3 ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ياخشى بولۇش. ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىش، رىقابەتكە دادىل يۈزلىنىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش.
 
      2. ناچار پسىخىك ھالەت: ناچار پسىخىك ھالەت، كۈلرەڭ ھالەت، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساغلام ھالەت بىلەن كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھالەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ناچار پسىخىك ھالەتنى پسىخىك ساپانىڭ تۆۋەنلىكى، تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىق، چارچاش، جىسمانىي كېسەل قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:
 
      1(. داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا. بۇ خىل ھالەتنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە بىر ھەپتىدە يوقىلىدۇ.2( زىيىنى يېنىك. ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى نىسبەتەن ئاجىز. بۇ خىل ھالەتتە تۇرغان كىشىلەر ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى نورمال ئورۇندىيالايدۇ، پەقەت خۇشال بولۇش ھېسسىياتى ئازابلىنىش ھېسسىياتىدىن تۆۋەن بولىدۇ. 3 (ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدۇ. بۇ خىل ھالەتتە تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز - ئۆزىنى تەڭشەش، مەسىلەن، ئارام ئېلىش، پاراڭلىشىش، ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق پسىخىك ھالىتىنى ياخشىلىيالايدۇ.
 
 
      3. پسىخىك توسالغۇ: پسىخىك توسالغۇ شەخسىي ئامىل ياكى تاشقى ئامىل سەۋەبىدىن پسىخىك ھالەتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى ياكى بىرقانچە تەرەپلىرىدىكى تەرەققىياتىنىڭ زىيادە تېز بولۇشى ياكى توختاپ قېلىشى، چېكىنىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. پسىخىك توسالغۇ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:
      1(. ماسلاشماسلىق خاراكتېرىگە ئىگە. پسىخىك پائالىيەتنىڭ سىرتقى ئىپادىلىنىشى فىزىئولوگىيىلىك يېشىغا ماس كەلمەيدۇ ياكى ئىپادىلىنىش شەكلى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، قۇرامىغا يەتكەنلەردە گۈدەك بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش ھالەت ئىپادىلىنىش، ئۆسمۈرلەردە چوڭلارنىڭكىدەك ھالەت ئىپادىلىنىش، سىرتقى تەسىرگە بولغان ئىنكاسى غەيرىي بولۇش قاتارلىقلار.
      2(. قاراتمىلىققا ئىگە. بۇ خىل ھالەتتىكى كىشىلەردە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ئوبيېكت (تەسىر قىلىدىغان سەزگۈر ئىشلار، نەرسىلەر، مۇھىت قاتارلىقلار) غا نىسبەتەن كۈچلۈك پسىخىك تەسىر پەيدا بولىدۇ، غەيرىي توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىپادىسى نورمال بولىدۇ.
      3(. زىيىنى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم ئىشلارنى ئورۇنلاش ئىجتىمائىي ئىقتىدارى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
      4. پسىخىك دوختۇرنىڭ ياردىمى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ خىل ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى پسىخىك ھالىتىنى ئۆزى تەڭشىيەلمەيدۇ. ئۇلارغا پسىخىك دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى زۆرۈر.
 
 
  4.پسىخىك كېسەل: پسىخىك كېسەل شەخسىي ئامىل ۋە سىرتقى ئامىل سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك پسىخىك ئىنكاس پىكىر، ھېسسىيات، سۆز، ھەرىكەت، ئىپادە قاتارلىق جەھەتلەردىكى نى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا بەدەننىڭ بىئارام بولۇشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە چوڭ مېڭە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
     1(. پسىخىك ئىنكاس كۈچلۈك بولىدۇ. تەپەككۇر قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، چوڭ مېڭە پائالىيىتى توختاپ قالغاندەك، كاللىسى قۇرۇقتەك ھېس قىلىدۇ. ئازابلىنىش ھېسسىياتى كۈچلۈك، زېھنىي كۈچى ئاجىز بولىدۇ. جىددىيلىشىش، تىت - تىت بولۇش، سۆز - ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئىرادىسى ئاجىزلايدۇ.
     2(. پۈتكۈل بەدىنى روشەن ھالدا بىئارام بولىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىغاچقا، بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قۇرساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت بولۇش، يۈرەك سېلىش، دېمى سىقىلىش، باش قېيىش قاتارلىقلار.
     3(. زىيىنى چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرگە ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەجبۇرىي قىلغۇزۇشقا بولمايدۇ. بۇ خىل كىشىلەردە ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىش ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتى كەمچىل بولىدۇ، ئازابلىنىش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدە بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
    4(. پسىخىك دوختۇرنىڭ داۋالىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر پسىخىك جەھەتتە ئۆزىنى تەڭشىيەلمەيدۇ. داۋالاشتا پسىخىكىلىق داۋالاش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈر.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ‹‹جىگەر راكى كېسىلى››نى قۇتقۇزۇش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئادەم ئازابىنى يوشۇرماسلىقى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .