شەرقىي شىماللىق بىر كىشىنىڭ جىگىرى ئاغرىيدىكەن، دوختۇر ئۇنىڭ جىگىرىنى B تىپلىق ئاپ

شەرقىي شىماللىق بىر كىشىنىڭ جىگىرى ئاغرىيدىكەن، دوختۇر ئۇنىڭ جىگىرىنى B تىپلىق ئاپپراتتا تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۆز-؟ئۆزىگە: ‹‹ھەي! جىگەر راكى ئىكەن ئەمەسمۇ›› دەپتۇ ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېلىقى كىشىگە ئېيتىپتۇ, ھېلىقى كىشى بۇنى ئاڭلاپ چىرايى تاتىرىپ تىترەپ كېتىپتۇ، كىيىمىنى تۈزۈك كىيگۈدكمۇ ماغدۇرى قالماي يەرگە يىقىلىپ قاپتۇ,مىڭ تەستە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن بالام ئاران سەككىز ياشقا كىرگەن تۇرسا،ئايالىم ياش تۇرسا،ئۇلار مەندىن كېيىن قالسا قانداق بولۇپ كېتەر؟ دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ.
 
ئىككىنچى كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىقىنى ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىدارىسىنىڭ داۋالاش ئۆيىگە كېسەل كۆرسەتكىلى بېرىپتۇ. 
 
     دوختۇر ئۇنىڭغا :‹‹سەن ئەمدى 38ياشقا كىرىپ راك كېسىلى بولۇپ قاپسەن،بۇنىڭغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق،بىراق،مېنىڭ بىر چارەم بار،سەن نېمىنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنى يەۋالغىن،نېمە ئوينىغىڭ بولسا دەرھال ئوينىۋالغىن،سېنىڭ كۈنۈڭ ئانچە كۆپ ئەمەس››دەپتۇ.
 
    ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ 40كۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ،40كۈندە 20نەچچە جىڭ ئورۇقلاپ،بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ،بۇ ئىشنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئاڭلاپ پىرەنىك،مېۋە ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ بېرىپ:‹‹مەن بۇ قېتىم رەھبەرلىككە ۋاكالىتەن سېنى يوقلاپ كەلدىم،سېنىڭ تەشكىلگە دەيدىغان قانداق سۆزۈڭ بولسا بىۋاستە ماڭا ئېيتقىن،بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سېنىڭ تەلىپىڭنى قاندۇرىمىز››دەپتۇ.
 
 ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ:‹‹مەن تا ھازىرغىچە تيەنئەنمىننى بىر كۆرۈپ باقمىدىن،بۇنىڭغا بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىمەن،ئەگەر تيەنئەنمىننى بىر كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى››دەپتۇ.
 
    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بۇنى ئاڭلاپ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:‹‹بولىدۇ،سېنىڭ ئىدىيەڭدە زور ئىلگىرىلەش بوپتۇ،ئۇنداق بولسا سېنىڭ يول كىرايىڭنى قائىدىنى بۇزۇپ بولسىمۇ ئاتچوت قىلىپ بېرەيلى،بىراق سەن ياداپ قورايدەك بولۇپ قاپسەن،شۇڭا سېنى تۆت يىگىت نوسولكىغا سېلىپ ئاپارسۇن››دەپتۇ.
 
    ئۇلار تيەنئەنمىننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بىر يىگىت:بىز بەرىبىر بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن چوڭراق دوختۇرغانىلارغا بېرىپ باقايلى،كېسەل داۋالاشقا بىرەر ئامال تېپىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس››دپتۇ. يەنە بىر يىگىت :‹‹ئۇنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ،ئەگەر يېيجىڭدا ئۆلۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ،شۇڭا تېزرەك قايتايلى››دەپتۇ.يەنە بىر يىگىت :‹‹ھامىنى كەلگەندىكىن چوڭ دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقايلى››دەپتۇ.
 
    ئۇلار چوڭ دوختۇرخانىدىن بىرىگە بېرىپ مۇتەخەسسىسكە كۆرۈنۈپتۇ.ھېلىقى مۇتەخەسسىس ئۇنى Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق ئەسۋابتا تەكشۈرگەندە ئۇنىڭدا كېسەل يوقلۇقى مەلۇم بوپتۇ.كېسەل بۇنىڭغا ئىشەنمەي:‹‹مەن ئاغرىپ ئۆلەي دەۋاتسام قانداقمۇ كېسەل يوق بولسۇن؟››دەپتۇ.
 
    دوختۇر ئۇنىڭغا:‹‹سېنى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ،سەن قورقۇپ كېتىپسەن، شۇڭا سەن خاتىرجەم بولغىن››دەپتۇ. 
 
   ھېلىقى كىشى دوختۇردىن:‹‹قورقۇش مۇشۇنداق يامان بولامدۇ؟››دەپ سورىغانىكەن،دوختۇر ئۇنىڭغا:‹‹قورقۇش دېگەن شۇنداق بولىدۇ، مۇنداق ئىشلارنى مەن جىق كۆرگەن،بەزى كىشىلەرگە چۈشتىن بۇرۇن راڭ كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلسا چۈشتىن كېيىنلا تۈگىشىپ كېتىدۇ،سېنىڭ كېسىلىك ئەسلىدە تۇغما خاراكتېرلىك،يەتتە سانتىمېتىرلىق جىگەر خالتىلىق ئىششىقى ئىكەن، ياخشى سۈپەتلىك ئىكەن،بۇ خىل كېسەل نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە بار،شۇڭا سەن خاتىرجەم بولغىن،مەن ئۆمۈر بويى Bتپلىق ئاپپاراتتا كېسەل تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندىم،شۇڭا مەن سېنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجەڭنىڭ توغرىلىقىغا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلالايمەن،سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭ ئىسپات يېزىپ بېرىمەن ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولالايمەن››دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
 
دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىپتۇ.كېسەلنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتلەر بۇ ئىشقا ھەم خوشال بوپتۇ،ھەم قايغۇرۇپتۇ.خوشال بولۇشىدىكى سەۋەب ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭغا بېكارغا كەلمىگەنلىكىدىن خۇشال بوپتۇ،قايغۇرشىدىكى سەۋەب بىز كېسەلنى نوسولكىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەلگۈچە بەك جاپا تارتتۇق،ئەسلىدە ئۇنىڭ كېسىلى يوق ئىكەن،بىزنى نەس بېسىپتۇ دەپ قايغۇرۇپتۇ ۋە بىز ئەمدى ئۇنى كۆتۈرمەيلى، ساق بولغاندىن كېيىن ئۆزى قايتىپ كەتسۇن،نوسۇلكىنى دوختۇرخانىغا خاتىرە سۈپىدىدە قالدۇرۇپ قويايلى دېيىشىپتۇ.
 
 ھېلىقى كىشى قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەپ-ئىچىشى ۋە ئويقۇسى ئەسلىگە كەپتۇ،ھەممە ئىشى ئىزىغا چۈشۈپتۇ،ئەسلىدە بۇ يىگىتنىڭ كېسىلى بولمىسىمۇ دىئاگنوز خاتا قويۇلغاچقا روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كەتكەنىكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقلىنىشنىڭ سەككىز تۈرلۈك زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پسىخىك ھالەت قانچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .