ھازىرقى مېدىتسىنا ۋە پىسخولوگىيە ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى ، پىسخىك ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىق ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، پىسىىك ساغلاملىق جىسمانىي ساغلاملىقققا ، جىسمانىي ساغلاملىقمۇ پىسخىك ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ

             ئالايلۇق ، ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ بىر قەدەر جاھىل ۋە ئېغىر بولغان جىسمانىي كېسەللىكلەر بار بولسا ، بۇ كېسەللىكلەر ، بۇ كېسەللىكلەر ئۇلاردا ئارامسىزلىنىش ، جىددىيلىشىش ، قورقۇش ، پەرىشان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پاسسىپ پىسخىك كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ .


                ئەگەر بۇ پاسسىپ كەيپىياتلار ۋاقتىدا تۈگىتىلمىسە ، ئۇلار بارا - بارا بەزى پىسخىك نورمالسىزلىقلارنى ، ھەتتا بەزى ئېغىر پىسخىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاشلا ، بەزى ناچار پىسخىك پائالىيەتلەرمۇ ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .


                پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ . بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتىسكا قىلىشىچە ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلانىڭ تەخمىنەن 30% ى پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن .


                ئادەتتە ، پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ :


                1) جىسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .

                2) كېسەللىكنى ئاساسلىق ناچار كەيپىياتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ .

                3) جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى بىلەن مۇئەييەن كەيپىيات ھالىتىدىكى فىزوئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئوخشاپ كېتىدۇ .

                4) كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ناچار كەيپىياتلارنى بىمارلار كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرى بىلمەيدۇ . شۇڭا ، ئۆز ۋاقتىدا كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدۇ .

                5) ئىرسىيەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .

                6) كېسەللىك كۆرۈلگەن ئەزالار ئاساسلىق مۇستەقىل نېرۋا سېستىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى ئەزالار بولىدۇ .


                پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى شۇكى ، ناچار پىسخىك كەيپىيات نېرۋا سىستىېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ . بۇنداق نورمال دائىرىدىن ھالقىغان فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسلار ئەگەر داۋاملىق مەۋجۇت بولىۋەرسە ، پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .


               پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى پىسخىك ئامىللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . دېمەك ، پىسىىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرەەندىلا ، ئاندىن جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق يەتتە ئۇسۇل توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .