پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلەردىكى ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ

                   1) پىسخىك ساغلاملىق ئۆگىنىش ، خىزمەتكە بولغان تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

                   پىسخىك قەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەر ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ مەقسىتى ، ئەھمىيىتى ، رولى ھەققىدە توغرا تونۇشقا ئىگە بولىدۇ . ئۇلار پەقەت ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىگىلى ، خاتالىقلارنى ئاز سادىر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەر خىزمەتنى ئادەمنى چارچىتىۋېتىدىغان ، ھارغۇزىۋېتىدىغان مەجبۇرىيەت دەپلا قارىمايدۇ ، بەلكى ئۇنى رەڭدار تۇرمۇشنىڭ بىر مەزمۇنى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ، ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارايدۇ . مۇشۇنداق تونۇش بولغاندىلا ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە ھەققى كىرىشىپ ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .


                   2) پىسخىك ساغلاملىق كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆگىنىش ۋە خىزمەت نىشانى تۇرغۇزۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

                   مۇۋاپىق بولغان نىشان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى ، بېرىلىپ خىزمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ . ئەگەر نىشان بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەمەە بولغان رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ . ئەگەر ، نىشان بەك تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ ، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدۇ - دە ، ئادەمدىكى رىقابەت تۇيغۇسى كەملەپ ، ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، نىشاننىڭ مۇۋاپىق جايىدا بولۇشى ئۈچۈن ، پىسخىك ساغلاملىق ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .


                   3) پىسخىك ساغلاملىق ئادەم پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

                   بۇ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەرنىڭ ياخشى پىىسخىك كەيپىياتتا بولىدىغانلىقى ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە خۇشاللىق بىلەن كىرىشەلەيدىغان ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىدا ئاساسلىق گەۋدىلىنىدۇ .


                   4) پىسىىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك ئىرادە بولىدۇ .

                  ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ناھايىتى ياخشى تەڭشەپ ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىق ۋە زەربىلەرگە چىدام ، غەيرەت بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ، نىشانىغا يېتەلەيدۇ .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىك ۋە ئىپادىلەر بولغان بو تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .