پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئادەتتە پىسخىك ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن تەسىرات بېرىدۇ بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆلچەم بىر ئادەمنىڭ پىسخىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس

                شۇنداقتىمۇ ئوقۇرمەنلەر تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك كونكرېت ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ باقسا بولىدۇ : 

                1. ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال بولۇش .

                 ئەقلىي قابىلىيەت ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پىسخىك ساپا بولۇپ ، پىسخىك پائالىيەتتىكى بىلىش فۇنكىسىيىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر . ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . پىسخىك ساغلاملىق ئۆلچىمى بولغان ئەقلىي قابىلىيەت بولسا ، ئادەم تۇرمۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال سەۋىيىدە بولىدۇ ، پەقەت ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنىڭلا ئېرسىيەت ، كېسەللىك ، چوڭ مېڭە نورمال يېتىلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇپ ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ، ئۈنۈملۈك ئورۇندىيالمايدۇ ، ھەتتا بەزىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمايدۇ . ياىشى بولغان ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە زۆرۈر بولغان پىسخىك ئاساس ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر 13 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى سەككىز ياشلىق بالىنىڭكىچىلىكلا بولسا ، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى يېتىلىشى ئاستا دېيىشكە بولىدۇ .

 

                2. كەيپىياتى ساغلام بولۇش .

                كەيپىيات بولسا ، روشەن تاشقى ئىپادە ۋە چوڭقۇر ئىچكى بىلىشكە ئىگە بولغان بىر خىل پىسخىك پائالىيەت بولۇپ ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئۈمىدۋار ، ئوچۇق - يورۇق كەيپىيات ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ ، تەپەككۈرىنى ئاچىدۇ ، پائالىيەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . ئۈمىدسىز ، پەرىشان كەيپىيات بولسا ئەكسىچە ئەستە ساقلاشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ، تەپەككۈرنى بوغىدۇ ، پائالىيەت ئۈنۈمىنى ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ .

                كەيپىيات ساغلاملىقى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى بولۇپ ، ساغلام بولغان كەيپىيات ھالىتى ئاساسلىق تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ :

                1) كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇش ، يەنى نىسپىي تۇراقلىق بولغان كەيپىياتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش .

                2) ئاكتىپ روھىي ھالەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇش

                3) كەيپىيات ئىنكاسى ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشى ئۆز ئارا ماس كېلىش ، تۇرمۇشتىكى خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارغا خۇشال بولۇش ، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، يەنە مۇناسىپ كەيپىياتنى ساقلاش .

                4) كەيپىياتنى تېزگىنلەش ئىقتىدارى بولۇش .

 

                 3 . كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇش .

                 كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا ، ھەممە ئادەم باشقىلار بىلەن ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىشلىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ۋە پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولۇشىغا پايدىسى بولىدۇ .

 

                 كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇش تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ :

                 1) باشقىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشقا ئامراق بولۇش ، ئارىلىشىدىغان دائىرىسى كەڭ بولۇش بىلەن بىرگە يېقىن ، سىرداش دوستلىرىمۇ بار بولۇش .

                 2) كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئوبدان بىلىش ، ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك ، شۇنداقلا غادىيىۋالماسلىق .

                 3) باشقىلارغا ئبىيكتىپ باھا بېرەلەيدىغان ، باشقىلارنىڭ ئرتۇقچىلىقىنىمۇ ، يېتەرسىزلىكىنىمۇ كۆرەلەيدىغان ، شۇنداقلا مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۆز كەمچىلىكىنى تۈزىتەلەيدىغان ، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان ھەم خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلالايدىغان بولۇش .

 

                 4 . رېئاللىقققا ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدىغان ھەمدە رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇش . تۇرمۇشتا جەئىيەت بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىش ، رېئاللىقنى توغرا تونۇش . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان ، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملار ۋە ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ، پىسىىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغان بولۇش .

 

                 5. ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش . ئۆزىنى توغرا تونۇيالايدىغان ، باھالىيالايدىغان ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولۇش . بەك غادىيىۋالماسلىق ياكى ئۆزىنى بەك كەمسىتمەسلىك ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى يوشۇرۇپ پەدازلىماسلىق ، بىڭسى بارلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك ، شۇنداقلا كەمچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ ، ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرالايدىغان بولۇش .


                 6. پىسخكىسى ۋە ھەرىكىتى ياش ئالاھىدىلىكىەە ئۇيغۇن بولۇش . كىشىلىك تۇرمۇشتا ، ئوخشىمىغان ياشتىكى پىسخىكا ۋە ھەرىكەت ئوخشاش بولمايدۇ ، ئوخشاش قۇرامدىكىلەر توپىمۇ كۆپلىگەن ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرەە ئىگە بولىدۇ . پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .