پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىسى بار بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

               1 . بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا باي بولۇش ؛


                2 . ئۆزىنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جايىدا مۆلچەرلىيەلەيدىغان بولۇش ؛


                3 . تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش ؛


                4 . رېئال مۇھىت بىلەن يېقىنلىقنى ساقلاش ؛


                5 . قەدىر - قىممەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش ؛


                6 . تەجرىبىدىن ساۋاق ئېلىشقا ماھىر بولۇش ؛


                7 . ياخشى كىشىللىك مۇناسىۋەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش ؛


                8 . كەيپىياتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرالايدىغان ۋە تېزگىنلىيەلەيدىغان بولۇش ؛


                9 . كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ، چەكلىك ھالدا خاسلىقنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش ؛


                10 . جەمئىيەت مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى مۇۋاپىق تۈردە قاندۇرالايدىغان بولۇش . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىك ۋە ئىپادىلەر بولغان بو توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .