تېلىفون بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ!

             تۇرۇپكىنىڭ ئۈستىنكى قىسمىنى تۇتىدىغانلار: ھېسسىياتچان ، ئالغا ئىلگىرلەش تۈيغىسى كۈچلۈك، تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. 


               تۇرۇپكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتىدىغانلا: كۆرىنىشى مۇلايىم،ئەمما باغرى تاش ، ھەر قانداق ئىشقا ناھايىتىكەسكىن، تاشقى خارەكتىرگە مەنسۈپ ئاكتىپ بىر تۈر. 


               تۇرۇپكىنى مۈرىسى بىلەن قىسىپ تۇرىدىغانلار: ناھايىتى ئېھتىياتچان ، ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن ئاۋۋال چوڭقۇر ئويلىنىدۇ، ئاز ھاياجانلانغاچقا ، ناھايىتى خاتالىق ئاز ئۆتكۈزىدۇ. 


               بىر تەرەپتىن تېلفۇن بېرىپ ، بىر تەرەپتىن تېلىفون سىمىنى ئوينايدىغانلار: ئۈمۈدۋار، ئوچۇق يورۇق، مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. رومانتىك بولغاچقا ، جورىسىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، ئاھانلا مۇھەببەت ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. 


               بىر قولىدا تۇرۇپكىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن قەلەمدە رەسىم سىزىدىغانلار : ئۆزىگەخاس مىجەز ۋە ئىستېداتقا ئىگە .ئۇنىڭ ئۈستىگە ،كۆپىنچە سەنئەت بىلەن ھەپىلىشىدۇ. باي تەسەۋۋۇر ۋە يۇمۇرۇستىكىلىقى بىلەن كۆپلىگەن دوستلارغا ئېرىشەلەيدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .