مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىش دېگەندە يەڭگىللىك، ، ئىرادىسىزلىك، شاختىن ‏- شاخقا قونۇش، نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلماسلىق، پۇرسەتپەرەسلىك ۋە بىكار تەلەتلىك قىلىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ


            مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىش بىر خىل بىنورمال پىسخىك ھالەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار.


            1. كۆڭلى ئارامىدا بولماسلىق.

            تېز ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتتە، بەزىلەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالماي، تەمتىرەپ، ئىستىقبالغا بولغان ئىشەنچىسى يوقىتىدۇ.


            2. تاقەتسىزلىنىش.

            ئىچى تىتىلداشتىن ئىبارەت بىر خىل روھىي كەيپىياتتا بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان بەسلىشىشتە، تېخىمۇ تەشۋىشلىنىش ۋە خاتىرجەمسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولىدۇ.


            3. قارىغۇلارچە تەۋەككۈل قىلىش.

            تاقەتسىزلىنىش سەۋەبىدىن، كەيپىياتى ئىدراكنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىپ قالىدۇ. ھەرىكەتتىن بۇرۇنقى ئويلىنىشى كەمچىل بولغاچقا، پۇل تاپقىلى بولىدىغانلار بولسا، قانۇن ‏- تۈزۈمگە خىلاپ ئىش بولسىمۇ قىلىۋېرىدۇ. بۇ خىل بىنورمال پىسخىك ھالەت نۆۋەتتە جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

<< پىسخىكىلىق تەڭشەش >> دېگەن كىتابدىن ئېلىندى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۇنداق ئەھۋالدا مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېلىفون بېرىش ھەم ئادەم خاراكتىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .