گال پارسچە ‹ھەلق› دەپ ئاتىلىدۇ ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ئۈستى يۇمشاق ۋە قاتتىق تاڭلاي بىلەن، ئاستى تەرىپىنىڭ كەينى كاناي ۋە يۇتقۇنچاق، ئاستى تەرىپىنىڭ ئالدى تىل تۈۋى بىلەن تۇتىشىدۇ ئۇ مېھراب شەكلىدە بولۇپ، مېھراب ئوتتۇرىدا كىچىك تىل يەنى ئەقىل تىلى بولىدۇ

تاڭلايلار ۋە گالنىڭ سىرتقى يۈزىنى بەلغەمسىمان پەردە ئەستەرلىگەن بولىدۇ. كىچىك تىل يىلتىزىنىڭ ئىككى يېنىدا مۇسكۇللۇق ھەمدە پەردە بىلەن ئەستەرلەنگەن ئىككى مېھرابسىمان چېتىق بولۇپ، گال ئالدى ۋە ئارقا تۈۋرۈكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىدىكىسى تىل تاڭلاي مېھرابى، كەينىدىكى گال تاڭلاي مېھرابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى مېھراب ئارىلىقىدا بىردىن ئىككى بەز بولىدۇ. مەزكۇر بەزلەرنىڭ شەكلى بادامغا ئوخشىغاچقا بادامسىمانبەزلەر (لەۋزەتەين) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلاردا 12-15 دانە چېكىتسىمان تۆشۈكلەر بولۇپ، تۆشۈكلەر كەينىدە شۆلگەيسىمان سۇيۇقلۇقلارغا تولغان خالتىچاقلار بولىدۇ. بۇ يەرلەرنىڭ ئارقا تەرىپى قۇلاق كانالچىسىنىڭ ئېغىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. شۇڭا بۇ يەرلەر ۋەرەملەنگەن كۆپىنچە كىشىلەردە قۇلاق ئېغىرلىشىپ پۈتۈپ قالغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدا يەنە شۆلگەي بەزلىرى، تىل ئاستى بەزلىرى، ئېڭەك ئاستى بېزى قاتارلىقلار بولىدۇ. 

گالنىڭ ئالدى قىسمى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يۇتقۇنچاقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋاز پەردىسى بولىدۇ. ئۇ پارسچە مىزمار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاۋاز پەيدا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە كاناي يولى، كەينى تەرىپىدە تاماق يولى يەنى قىزىلئۆڭگەچ بولىدۇ. كاناي بىر قانچە ئونلىغان يېرىم ھالقا شەكلىدىكى كۆمۈرچەكلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئاستى كاناي شاخچىلىرى ئارقىلىق ئۆپكە بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدا بىر ئۆسۈكچە بولۇپ، ئۇ بۇغدىيەك دەپ ئاتىلىدۇ، بۇغدىيەك كاناي بوشلۇقىنى كاناي ئالدىنقى دالىنى، كاناي قېرىنچىسى، ئاۋاز ئاستىنقى رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈۋېتىدۇ. كاناي نەپەس ئېلىشنى تەڭشەش، ئاۋاز چىقىرىش، يۇتقاق نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنى توسۇش، كۈچەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىشتەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. 

تاماق يولى يەنى قىزىلئۆڭگەچ كاناي ئارقىدىن ئاستى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ ئومۇرتقا ئالدىدىكى تۆشۈكتىن ئۆتۈپ، 10-ئومۇرتقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشقازاننىڭ يۇقىرى قىسمىدا ئاياغلىشىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سىرتقى قەۋىتى مۇسكۇل يىپچىلىرىدىن، ئوتتۇرا قەۋىتى خانىلىق پەردىدىن، ئىچكى قاتلىمى بەلغەمسىمان پەردىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچكى ۋە ئوتتۇرا قەۋەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان بەزلەر بولۇپ، ئۇلار شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىپ قىزىلئۆڭگەچنى نەمدەپ سىلىقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يۇتقۇنچاقتىن يۇتۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەر قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا بارىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ مۇھىملىقى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .