ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ، ئادەم ئاسانلا تىت-تىت بولۇپ قالىدۇ ، مانا بۇ ياز پەسلىدە ئاسانلا ئاچچىقلىنىشنىڭ سەۋەبىدۇر ئۇيقۇ يېتىشمىسىمۇ ئادەم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ

   تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە نېرۋا كېسىلى بار ئاغرىقلار ئاسانلىقچە ئۇخلىيالمايدىكەن ، ۋارقىراپ -جارقىراپ ، نەرسە -كېرەكلەرنى چېقىپ تاشلايدىكەن . نورمال ئادەملەردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدىكەن .

   بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ،ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن . ياز پەسلىدە كۈننىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئادەمنىڭ كېچىدە ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولىدۇ .

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ، ئادەمنىڭبىيولوگىيەلىك رېتىمىغا تەسىر  يېتىدۇ ، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق تۈپەيلى تۇراقسىزلاشقان بولسا ، ئۇنداقتا كۈندە قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىشتا قوزغىلىدىغان كېسەللەرنى يازدا داۋالاشنى ئۈچ يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يازلىق كۆكتاتلاردا كالتسىي مول توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .