يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى ، تىنجىق ئىسسىق بولغاچقا ، سىرتقى مۇھىتتا تېرىدە بىر قىسىم زىيانلىق ماددىلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ

ئۇنىڭدىن باشقا ، تېرىنىڭ كۈچلۈك كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تېرىنى زەخمىلەندۈرۈپ ، ھۆل تەمرەتكە ، كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ .

ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ ، ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرى سىرتقى مۇھىم ھەم بەزى يېمەكلىكلەرگەنىسبەتەن زىيادە سېزىمچان بولىدۇ . ھەزىمقىلىشى ياخشى بولماسلىق ، ئۈچەي يولىدا قۇرت پەيدا بولۇش ، يۇقۇملىنىش ، روھىي جىددىيلىك ، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

بۇكېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دائىم ئۆي ياكى ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ، تېمپېراتۇرا 25 گىرادۇستىن يۇقىرى شارائىتتا سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى ئىشلىتىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يازدا ئىچىملىك ئىچكەندە... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قىشتا قوزغىلىدىغان كېسەللەرنى يازدا داۋالاشنى ئۈچ يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .