ھاۋانىڭ ئۆزگۈرۈشى، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنىڭ ئۆزگۈرۈشى تېرىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ، بولۇپمۇ ياز پەسلىنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى تېرە ئاسان زەخمىلىنىدۇ شۇڭا تېرىنىڭ قۇرغاق ياكى يېرىك بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياز پەسلىدە تېرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ياز  پەسلىدە تېرە تۈشۈكچىلىرى كېڭەيگەنلىكتىن، تېرىدىكى ماي بەزلىرى ۋە تەر  بەزلىرىنىڭ ئاجرالمىلىرى زور  مىقتاردا  كۆپىيىدۇ، مېتابولىزىمنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىپ، مۈڭگۈز قەۋەتتىكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى جىددىي كۆپىيىدۇ. شۇڭا ياز  پەسلىدە تېرىنى ئاسراشتىكى بىرىنچى ئىش تېرىنى تازىلاشتۇر.

تېرىنى تازىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى يۇيۇش. ئۆزىنىڭ تېرىسىگە ماس كېلىدىغان يۈز سوپۇنىنى تاللاپ، ئۇنى قولغا  سۈرۈپ كۈپۈك چىققاندىن كېيىن، يۈزگە سۈرۈپ يېنىك ئۇۋىلاش كېرەك.ئۇۋىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا تېرە بەك بوشىشىپ كېتىدۇ. ئۇۋىلاپ بولغاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاش كېرەك. ئىككىنچى قەدەمدە تېرە تازىلاش مېيىنى ئىشلىتىپ، ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى: تېرە تازىلاش مېيىنى يۈزگە سۈرۈپ، بارماق بىلەن يېنىك ئۇۋۇلاپ، ئاخىرىدا قەغەز بىلەن سۈرتۈۋېتىلىدۇ. تېرە تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تېرە قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە سىلىقلاش مېيىنى سۈرتۈپ، يوقىتىلغان سۇ ۋە ماينى تولۇقلاش كېرەك. تازىلانغان تېرە سىلىقلاش مېيىنى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرىدۇ.

ياز  پەسلىدە تېرىنى كۈندە تازىلاپ تۇرسا تېرە پاكىز تۇرىدۇ. سىلىق ۋە  پارقىراقلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ياز  پەسلىدە يەنە كۈن نۇرىنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنىغا  سەل قارىماسلىق كېرەك. سىرتلارغا  چىققاندا، كۈن نۇرىدىن ساقلايدىغان مايلارنى سۈرتۈش ئارقىلىق تېرىنى قوغداش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا، تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدىمۇ تېرىنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپتاپتا قالسىڭىز... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياز پەسلىدە ئۈششۈكنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .