يازدا يۇيۇنغاندا بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :

 
   قېتىم سانى ياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ تۈرلۈك ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئەۋجىگە چىقىدۇ ، كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق .
 
   سۇ تېمپېراتۇرىسى ياز پەسلىدە سوغۇقراق سۇدا يۇيۇنسا بولىدۇ ، لېكىن سۇ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك . چۈنكى سۇ بەك سوغۇق بولسا ، تېرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ قېلىپ ، قان تومۇرلار تارىيىپ بەدەندىكى ئىسسىقلىق سىرتقا تارقىلالمايدۇ . بولۇپمۇ ، تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە كەچتە سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پۇت–قول ماغدۇرسىزلىنىپ ، مۈرە ، تىز سىرقىراپ ئاغرىيدۇ ، يەنە قورساقمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ ، يەنە قورساقمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ ، ھەتتا بۇغۇم ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئادەتتە ياز پەسلىدە يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10 تىن يۇقىرىراق بولسا ، ئەڭ ياخشى .
 
   ۋاقىت قايسى پەسىل بولۇشتىن قەتئىينەزەر ، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ . ھەر قېتىملىق يۇيۇنۇش ۋاقتى 15–30 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق . بۇنداق بولغاندا يۈرەك ، مېڭىگە ئوكسېگىن ۋە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
 
‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار يازدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياز پەسلىدىكى خەتەرلىك ئۈچ يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .