كۈزدە ، بولۇپمۇ قىش كىرگەندىن كېيىن ھاۋادىكى نەملىك تەدرىجى ئازلاپ ، ھاۋا قۇرغاقلىشىدۇ ، ئادەم بەدىنىدىمۇ ئوخشاشلا نەملىك ئازلاپ كېتىدۇ لېكىن قايناقسۇ ئىچكەندە بەدەننىڭ قۇرغاقلىقى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىرنى تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ

شۇڭا كۈندۈزى تۇز سۈيى ، كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچىش - بەدەندىكى سۇنى تولۇقلايدۇ شۇنداقلا كۈندە بەدەننى ئاسرايدىغان، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى يېمەك- ئىچمەك ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچى قۇرۇش سەۋەبىىدن بولىدىغان قەۋزىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
 
كۈزدە ئادەم بەدىنىدىكى نەملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى ھەسەلنىڭ نېرۋا ئاجىزلىقى ، يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش، ئۆپكە كېسىلى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. كۈزدە دائىم ھەسەل ئىچىپ بەرگەندە، يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپ ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ئىچى قۇرۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ، ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ .

يەنە كۈزدىكى قۇرغاق مەزگىلدە مۇچ ، كاۋاۋىچىن ، قوۋزاق دارچىن ، زەنجىۋىل ، غولپىياز قاتارلىق چۈچۈمەل ، ئاچچىق نەرسىلەرنى ، بولۇپمۇ زەنجىۋىلنى يېمەسلىك ياكى ئاز يېيىش كېرەك

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈزدە كىيىنگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .