كىيىم كىيىشتە كىيىم پاسونى، سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، رەڭگىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك كۈزدە تېمپېراتورا تۆۋەنلەپ ھاۋا سوۋۇيدۇ

ئەمما كىيىمنىڭ رەڭگىنى ياخشى تاللاپ كىيسەك بۇمۇ كۈز پەسلىنىڭ مەنزىرىسىگە تۈس قوشۇپلا قالماي، ئادەم بەدىنىنى ئىللىتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنى، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ ھەرىكىتى ۋە نەپەسلىنىش چاستۇتىسىنى جانلاندۇرىدىكەن.
كۈزدە كىيىنگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

 ئاپېلسىن رەڭ ئىشتىھانى ئېچىپ چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. سېرىق رەڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. قان بېسىمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  كۈزدە خىمىيەلىك تالادىن توقۇلغان كىىيملەرنى ئاز كىيگەن ياخشى.

چۈنكى كۈزدە ھاۋا قۇرغاق، شامال كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەدەنگە بىۋاستە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قوي يۇڭىدىن توقۇلغان ياكى خىمىيەلىك تالادىن توقۇلغان كىيىملەرنى كىيمىگەن ياخشى. بۇنداق بولمىغاندا بۇ خىلدىكى كىيىملەر بەدەننى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈزدە ئاسان زەرەتلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى پاختا توقۇلمىلىق كىيىملەرنى، بەك تار بولمىغان ئازادىرەك كىيىملەرنى كىيگەن ياخشى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈز پەسلىدە دىئابىت ئاغرىقلىرى سوغۇقتىن ساقلىنىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈزدە ئادەم بەدىنىدىكى نەملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .