مەيلى ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى قەرەلسىز كۆرۈلىدىغان يۇقىرى قان قەنتى بولسۇن، بەدەننىڭ ئاق ھۈجەيرىلەرنى يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئىممۇنتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، شۇڭا كۈز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىدا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا زۇكام پەيدە بولىدۇ

دىئابىت ئاغرىقىلىرى تۇيۇقسىز سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندا، قان تومۇرلار تارىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئەتراپ قان تومۇر نېرۋا كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن قان ئايلىنىش تەسىرگە ئۇچراپ ئىنتايىن ئاسانلا توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە دىئابىت كېسىلىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئابىت ئاغرىقلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى كۆرۈلۈپ، يۇرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ .

    كۈز پەسلىدە دىئابىت ئاغرىقلىرى ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن ۋە كەچتە چېنىقماسلىقى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۈندۈزى كۆپرەك چېنىقىشى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈز پەسلىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈزدە كىيىنگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .