كۈز كىرىشى بىلەن ھاۋانىڭ ئۆزگۈرۈشى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، تۈرلۈك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپىيىدۇ بولۇپمۇ بالىلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ ئۇنداقتا كىشىلەر كۈز پەسلىدە زۇكامدىن قانداق مۇداپىئە كۆرۈشى كېرەك ؟

 
  ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، زۇكامنى پەيدا قىلىدىغان ۋىروسلار 200 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %50 ى بۇرۇن ۋىروسى ئىكەن. بۇ خىل ۋىروسنىڭ كۈز پەسلىدە تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ ، ئۇ لۆڭگىدە بىر سائەت، قولنىڭ ئالقىنىدا 70 سائەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىكەن. 
 
  بالىلارنىڭ ئىممونىتىت كۈچى ئاجىز بولغاچقا ئاساسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 
 
* ھاۋا سوۋۇۋاتقان ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلار بالىلارنى زىيادە قېلىن كىيىندۈرۋەتمەسلىكى كېرەك. 
 
* ھاۋا ئىسسىشقا باشلىغان مەزگىلدە ئالدىراپ بالىلارنى نېپىز كىيىندۈرمەسلىك كېرەك. 
 
*بالىلارنى سوغوققا چىداملىق قىلىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. بەزى ئاتا- ئانىلار سوغوق چۈشۈشى بىلەن تەڭلا بالىلىرىنىڭ توڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقارمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلار ئۇزاق مەزگىلگىچە سىرتتىكى ھاۋا بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ-دە، ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ. 
 
ئىگىلىنىشىچە ، بالىلار زۇكامداپ قالغاندا ئاتا- ئانىلار تۆۋەندىكىدەك خاتا ئۇسوللارنى قوللىنىدىكەن: 
 
بالىلار قىزىغان ھامان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىش. بۇنداق قىلغاندا بالىلاردا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن . شۇڭا ، قىزىتمىنى ئاستا - ئاستا قايتۇرۇپ ، يوقىرى تېمپېراتورىنى كونتورول قىلىش كېرەك. 
 
يوتقانغا چۈمكەپ قويۇپ تەرلىتىش. بالىلارنى چوڭلارغا ئوخشاش يوتقانغا چۈمكەپ تەرلەتكەندە، ، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتورىدسى تۆۋەنلەپ كېتىش، ھەتتا بەزىدە بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.شۇڭا ، بۇنداق ئەھۋالدا لالىلارنى نېپىز كىيىندۈرۈش، قېلىن يۆگىمەسلىك كېرەك. 
 
ئاتا- ئانىلار يوقىرقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتورىسىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر تېمپېراتورىسى 38.5 سېلسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر 38.5 سېلسىيە گىرادوستىن تۆۋەن بولسا بالىغا دورا يىگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆپرەك قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ، ياخشى ئارام ئالدۇرسا ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈز پەسلىدە ياغسىز يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈز پەسلىدە دىئابىت ئاغرىقلىرى سوغۇقتىن ساقلىنىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .