باش كۈز-- كۈز پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، باش كۈزدە ھاۋا تېمپېراتۇراسى يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا كىشىلەر ھاۋانى سالقىن ھىس قىلماي، ئەكسىچە دىمىق ھېس قىلىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ياز پەسلىدە


بۇ چاغدا قۇۋۋەتنى كۆپ تولۇقلىغاندا، بولۇپمۇ ياغلىق قۇۋۋەت تولۇقلىغاندا، تال بىلەن ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە ئاجىز ھالەتتە تۇرغان ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرى ئۇنى كۆتۈرەلمەي، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ. شۇڭا كۈزدە قۇۋۋەت تولۇقلىغاندا، ياغسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىش مۇۋاپىق. 

  ياغسىز قۇۋۋەت تولۇقلاش دېگەنلىك، ئاساسلىقى تالنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتمىنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە يېمەكلىك ۋە دورىلارنى يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىر تەرەپتىن، بەدەندىكى ھۆل ئىسسىقنى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىپ، يازدىكى تومۇز ئىسسىقتىن بولغان "كېسەل ئاسارىتى"نى تۈگەتكىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ماش، چىلان قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر بۇغا مۆڭگۈزى يىلىمى قاتارلىق ياغلىق قۇۋۋەتلەرگە يېقىن يولىماسلىق كېرەك. بولمىسا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 
 
  باش كۈزدە ھاۋا كۈندىن كۈنگە سالقىنلىسىمۇ، تېمپىراتۇراسى ئۆرلەش، ھاۋا ئۇچۇق بولۇش، ھۆل يېغىن ئاز بولۇش، ئۇدا قۇرغاقچىلىق بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، كىشىلەردە قۇرۇق ئىسسىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، تېرە قۇرغاقلىشىش، چوڭ تەرەت قېتىش، ئېغىز، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇش، مەيدە ئاغرىش، قۇرۇق يۆتىلىش، بەلغەم ئاز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كەچ كۈزدە ھۆل ئىسسىق ئۆپكىگە تەسىر قىلغانلىقتىن، كىشىلەردە يۆتىلىش، بەلغەم ئاز بولۇش، گال قۇرۇش، كالپۇك گەز باغلاش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. لېكىن مەيلى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق بولسۇن، ھامان تېرە قۇرغاقلىشىش، خىلىت كەم بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كۈزدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۆدىتىل ۋە مىجەزنى تەڭشەيدىغان، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، خىلىتنى كۆپەيتىدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ئاقمۇچ، قارامۇچلارنى ناۋات بىلەن دەملەپ ئىچىش، نەشپۈت، شىكەر قۇمۇشى، بانان قاتارلىق مېۋە- چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. 
 
  كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، كۈزدە ياغسىز ۋە ئادەتتىكى قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاشنى ئاساس قىلىش، قۇرۇق ئىسسىقنى قوزغايدىغان قوي گۆشى، مېھرىگىياھ، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق يېمەكلىك ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، كۈزدە قۇۋۋەت تولۇقلىغاندا، ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى، تېنى ئاجىز سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇۋۋەت تولۇقلىشى كېرەك 
 
 
كېلىش مەنبەسى :شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈز پەسلىدىكى بالىلاردا قايسى كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈز پەسلىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .