تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: تۈنەش ياكى كەچ يېتىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز شۇڭا تاماقنى ئوبدان يەپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش خاھىشىمىزنىڭ بارلىقىدا شەك يوق

ئەمما بۇ خىل ئادەت بىزنى ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ. تال ۋە ئاشقازان كېچىسى دەم ئېلىپ ئۆزىنى تۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىسا، ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولمىغى تۇرغانلا گەپ. مۇنداق چاغدا تويۇنۇپ تاماق يېيىش تال بىلەن ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. 

تېۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئەڭ توغرا ئۇسۇل شۇكى، تۈنۈگەن ياكى كەچ ياتقان چاغدا ئىككىنچى كۈنى ئازراق، يېنىك ئوزۇقلىنىش، مۇمكىن بولسا مېۋە قوشۇمچە قىلىش. بۇ خىل تاماقلىنىش ئۇسۇلى چارچاپ ھالىدىن كەتكەن تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چۈشلۈك ئۇيقۇ 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەك كېسىلى خەۋپى چوڭىيىپ كېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەش خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىدىغان ۋاقتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .