يېقىندا ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپ بولۇش قاتارلىق مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، بۇ خىل كېسەللىكلەر يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىكەن

تەتقىقاتچىلار ئاسىيا قىتئەسى ۋە غەرب ئەللىرىدىن بولۇپ 300 مىڭ كىشىنى سىناق قىلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر كۈنلۈك مۈگدەش ۋاقتى 40 مىنۇتقا يەتمىگەنلەردە مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن، چۈشلۈك ئۇيقۇ 40 مىنۇتقا تەڭ ياكى 40 مىنۇتتىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ بۇ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %50 يۇقىرىلىغان. مۈگدەش ۋاقتى 30 مىنۇتقا يەتمىگەنلەرنىڭ بولسا بۇ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلىگەن.

چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن 65-نۆۋەتلىك ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى ئىلمىي جەمىيىتى تەتقىقات يىغىندا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئۇخلىغاندا نەپەس قىسقا توختاش (خورەك تارتىش) خەتىرى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ خىل ئامىل مىتابولىزم يىغىندى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن سەۋەب ھېسابلىنىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىگەنلىك ناشتىدا قېتىق ئىچسە قورساق ئاسان ئاچمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كەچ ياتقان ئادەملەر... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .