ئەتىگەنلىك ناشتىدا قېتىق ئىچسە قورساق ئاسان ئاچمايدۇ

ئەنگلىيەلىك ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەركىبىدە ئوخشاش دەرىجىدە ئېنېرگىيە بولغان 17 خىل يېمەكلىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قېتىق ۋە سۇلۇ ئادەمنى ئەڭ ئۇزاق توقلۇق ھېس قىلدۇرسا، ئەكىسچە شاكىلاتلىق تاتلىق پېچىنە–پىرەنىك ۋە قايماقلىق تورت قورساقنى ئەڭ ئاسان ئاچۇرىۋېتىدىكەن.


ئىسسىقلىق مىقدارى ئوخشاش بولغان ۋاقىتتا، ماي مىقدارى قانچە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكنىڭ ئادەمگە تويۇنۇش ھېسياتىنى بېرىشى شۇنچە ئاسان بولمايدىكەن، ئەكىسچە ئاقسىل تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك قورساقنىڭ ئېچىش ۋاقتىنى ئۇزارتقان. شۇڭا ناشتىدا ئازراق قېتىق ئىچسە، قورساق ئاسان ئاچمايدىكەن.

ـــ ماتېرىيالدىن

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىكى بىر قانچە خىل خاتا قاراش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چۈشلۈك ئۇيقۇ 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەك كېسىلى خەۋپى چوڭىيىپ كېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .