كۈن نۇرى كۈچلۈك بولمىغاندا، ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى سۈرمەسلىك كۈن نۇرى كۈچلۈك بولمىغىنى بىلەن ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ،ئىيۇندا بۇ نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ

بىردەملىك سىرتقا چىققاندا، ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى سۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قاراش. سەھەر سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چۈشكە يېقىن چىققاندا چوقۇم ماي سۈرۈش كېرەك.

تېرە ئاق بولغاچقا، ماي سۈرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قاراش.

يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قاراش. بۇلۇت بىلەن يامغۇر سۈيى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ياخشى سۈمۈرەلمەيدۇ، شۇڭا يەنىلا تېرىگە مۇئەييەن زىيىنى بار.

ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى سۈرۈش بەدەندە ۋىتامىن D نىڭ شەكىللىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ،دەپ قاراش. ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى سۈرگەندىمۇ تېرە ئوخشاشلا قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ، شۇڭا ۋىتامىن D نىڭ شەكىللىنىشى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

سىرتقا چىقمىسا ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قاراش. ئادەتتە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياش نۇرىنىڭمۇ تېرىگە بەلگىلىك تەسىرى بار، شۇڭا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ـــ ماتېرىيالدىن

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ​چۈشلۈك ئويقۇ ۋە يۈرەك كىسلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا قېتىق ئىچسە قورساق ئاسان ئاچمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .