​چۈشلۈك ئويقۇ ۋە يۈرەك كىسلى


ياپۇنىيلىك مۇتەخەسىسلەر ئاسيا قىتئەسى بىلەن غەرپ ئەللىرىدە 300مىڭ ئادەم ئۈستىدە سىناق قىلغاندىن كىيىن،يېقىندا مۇنداق يەكۈن چىقاردى:«چۈشلۈك ئۇيقۇياكى مۈگدەش ۋاقتى40مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە،ئادەمنىڭ يۇقىرى قان بىسىم، قان ياغلىشىش قاتارلىق مىتابولىزىم يىغىندى كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋبى%50كۈچىيىدۇ،بىراق 30مىنۇتقا يەتمىگەنلەرنىڭ بۇ خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇش خەتىرى يوق دىيەرلىك بولىدۇ.بىلىش كېرەككى،بۇ كېسەللىكلەر يۈرەك كېسلىگە تەرەققىي قىلىدۇ».
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيشتى:«بەدەن ئىغىرلىقى ئېشىپ ياكى سەمىرىپ كەتكەنلەردە ئۇخلىغاندا نەپەس قىسقا توختاش(خورەك تارتىش) خەتىرى كۈچىيىدۇ،دەل مۇشۇ ئامىل مېتابولىزىم يېغىندى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلدىغان يوشۇرۇن سەۋەپ. گەرچە بۇ پەقەت دەسلەپكى بايقاش بولسىمۇ،لېكىن بىز يەنىلا چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى،ئەڭ ياخشىسى يېتىپ ئۇخلاپ،يۈرەككە چۈشىدىغان بېسىم ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىمىز».

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھەردە يۇيۇنۇش ۋە كەچتە يۇيۇنۇشنىڭ قايسىسى ساغلاملىققا پايدىلىق؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىكى بىر قانچە خىل خاتا قاراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .