كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر دائىم يۇيۇنۇپ تۇرسىمۇ، بىراق ھەربىر كىشىنىڭ يۇيۇنۇش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس ئۇنداقتا، قانداق ۋاقىتتا يۇيۇنغاندا سالامەتلىككە ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ؟ بەلكىم ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن

 

كەچتە يۇيۇنۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، كەچتە يۇيۇنۇپ، بەدەن پاكىز بولۇپ ياتقاندا ئاندىن راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ؛ سەھەردە يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بولغاندا، سەھەردە يۇيۇنغاندا ئادەم پۈتۈن كۈن ناھايىتى روھلۇق بولىدۇ؛ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بولسا، ھەرىكەت قىلىپ تەر چىققاندىن كېيىن يۇيۇنۇش زۆرۈر بولغان جەريان ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇنداقتا قايسى تەرەپنىڭ قارىشىنىڭ ئەڭ ئاساسى بار؟

ئەمەلىيەتتە، قانداق ۋاقىتتا يۇيۇنسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بىر ئىلمىي ئاساسى ۋە بەلگىلىمىسى يوق بولۇپ، كۆپىنچە ھالدا كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي قىزىقىشىغا باغلىق. سەھەردە يۇيۇنۇش، كەچتە يۇيۇنۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن كېيىن يۇيۇنۇش ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ. 

سەھەردە يۇيۇنۇش

سەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن يۇيۇنغاندا، ھەقىقەتەن مېڭىنى سەگەك تۇتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، زېھنى كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر چۈشتىن بۇرۇن مۇھىم خىزمەت ياكى ئىمتىھانىڭىز بولسا، سەھەردە يۇيۇنۇشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 

سەھەردە يۇيۇنغاندا ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن چاچنىڭ قالايمىقان بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەش كەتمەيدۇ، شۇڭا چېچى كۆپ ھەمدە چاچ شەكلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. يۇغاندىن كېيىنكى چاچ تېخىمۇ پارقىراق كۆرۈنىدۇ. 

خىزمەت قىلىدىغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، سەھەردىكى ۋاقىت بىر قەدەر جىددىي بولىدۇ. بولۇپمۇ كېچىلەپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، سەھەردە يۇيۇنغاندا، ئۇيقۇ يېتەرسىز بولىدۇ. ئەگەر يۇيۇنۇش سەۋەبىدىن ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قارالسا، سالامەتلىككە تېخىمۇ زىيانلىق بولىدۇ. 

كەچتە يۇيۇنۇش

سەھەردە ئورنىدىن تۇرالمايدىغانلار ئادەتتە كەچتە يۇيۇنۇشنى تاللايدۇ ھەمدە ئەتىگەندە بىرەر سائەت بولسىمۇ ئارتۇق ئۇخلىۋېلىشنى ئويلايدۇ. 

فىنلاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش ئۇيقۇ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىكەن. كەچتە يۇيۇنغاندا كېچىدە بەدەننىڭ بوشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئەتىسىمۇ بەدەن ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىدىكەن. بىراق، «ئامېرىكا بىيولوگىيە ژۇرنىلى» نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەچتە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا، ئامال بار ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن يۇيۇنۇش لازىم ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا، يۇيۇنغاندىن كېيىنكى بەدەننىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۇخلاشقا شۇنداقلا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.  

كەچتە يۇيۇنغاندا يەنە بەدەندىكى باكتېرىيە ۋە كىرلەرنى تازىلاپ، يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بەدىنىگە ئاسان بىر نەرسە چىقىدىغانلار ياكى بەدىنى پۇرايدىغانلار ئاخشىمى يۇيۇنۇپ ياتسا، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق. 

بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن كېيىن يۇيۇنۇش

بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، نەپەس ۋە يۈرەك سېلىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، ئىسسىق پارغا تولغان مۇنچىدا يۇيۇنغاندا، ئاسانلا باش قېيىپ كۆز تورلىشىش، بەدەندە كۈچ قالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش، شۈك بولۇپ قېلىش، ئايلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھەردىكى تۆت تۈرلۈك ئىش بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ​چۈشلۈك ئويقۇ ۋە يۈرەك كىسلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .