ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك

 


 قايناق سۇنى ئىلمان ئىچىش  قايناق سۇبەدەندىكى سۇنى ياخشى تولۇقلايدۇ ، بەدەننىڭ قايناق سۇنى قوبۇل قىلىشىمۇ تېز بولىدۇ . قايناق سۇنى ئىچىپ بەرگەندە ، قان سىغىمچانلىقىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تولۇقلايدۇ ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ . نورمال ئەھۋالدا ھەر كۈنى 1200 مىللىلىتېر سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق.

   تۇز سۈيىنى تۇز تەمى تېتىغىدەكلا تەڭشەشتۇز سۈيى ئىچكەندە ، بەدەندىكى تۇزنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئېلېكتىرولىتنى تولۇقلاپ ، ئۈچەي يولىنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ . ئەمما تۇز سۈيى بىلەن سۇنى تەڭشەشتە ئىككىسىنىڭ نىسبىتى ئاساسەن %0.9 قويۇقلۇقتا ساقلاش كېرەك ، 1.8 گىرام تۇزنى 200 مىللىلىتىر سۇدا ئېرىتسا بولىدۇ . ئەگەر تۇز سۈيى تەييارلاشتا مىقدارىنى ئېنىق ئۆلچىيەلمىگەندە ، تۇز سۈيى تۈز تەمى تېتىغۇدەكلا تەڭشەلسە بولىدۇ . يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلارغا تۇز سۈيى ئىچىش ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

    ھەسەل سۈيىنى بەك قويۇقتەڭشىۋالماسلىق ھەسەلنىڭ ئۈچەي يولىنى سىلىقلاش ، بەدەن ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار ، ئەمما ھەسەل سۈيى بەك قويۇق بولماسلىقى كېرەك ، ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزا ۋە قەنت مىقدارى %70 تىن ئاشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن 2-3 گىرام ھەسەلنى 200 مىللىلىتىر سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻠﯩﺮﻯ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەھەردە تاماكا چەكسە راك بولۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .