كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كيىن بېشى قېيىپ ، كۆزى قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ ، ئىش ھەرىكىتى قولاشمايدۇ ، زىھىننى يىغالمايدۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىسە ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىپ تەدىبىر كۆرۈش كىرەك

 

1. يۇقىرى قان بېسىم . يۇقىرى قان بېسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بۇلۇپ ، سېمىزلەردە تېخمۇ كۆپ بۇلىدۇ . ھەر بىر ئادەمىنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغانلىقىىتىن ، قان بېسىمىغا بەرداشلىق بىرىش ئىقىتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. قان بېسىمى نۇرمال ئادەملەرنىڭ قان بېسىمى سەل ئۆرلەرپ قالسىىلا بېشى قېيىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق كىشلەر باش قېيىشىنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قان بېسىمىنى نۇرماللاشتۇرشى كىرەك .

2. ئۇيقۇسىزلىق ؛ ئۇيقۇسىزلىق كىسلىگە گىرپىتار بولغانلار كۈنىگە ئاران تۆت- بەش سائەت ئۇخلىيالايدۇ ، بۇ داۋامىلشىۋەرسە باش قېيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا نىرۋا ئاجىزلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەتگىنى باش قېيىپىلا قالماسىتىن ، روھسىز، مدغدۇرسىز يۇرىدۇ .

3. قاندىكى ماي تەركبى ئۆرلەپ كتىش ؛ بۇ سېمىز گۆش ، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىقلارنى كۆپ يەيدىغانلاردا كۆرۈلىدۇ قاننىڭ ماي تەكىبى يۇقىرى بولسا ، قان تۇمۇرلار ئاسان قېتىشىپ ، قان بېسىمى ئۆرلەش ، تاجىسمان ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ۋە باش قېيىشىتەك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

4.بۇيۇن ئومۇرتىقا ئۆسۈكچە كېسىلى ؛ بۇيۇن ئومۇرتىقا ئۆسۈكچە كېسلى بارلاردا ئۆسكەن بۇيۇن ئومۇرۇتقا تۇقۇلىمىللىرى ئومۇرۇتىقا ئارتىرىيەسىنى بېسىپ ، مېڭىگە قان يىتىشمەسلىكىتىن باش قايدۇ .

5. مېڭە ئارتىرىيە قېتىشىش؛ بۇ كېسەل ياشانغانلاردا كۆپرەك بۇلىدۇ . مېڭە ئارتىرىيەسىدە قېتىشىش ئەھۋالى بولسا ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىلىنىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقىتىن باش قايدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھەردە ئاشقازاننى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻠﯩﺮﻯ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .