بىر كېچە ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم سۇ خورايدۇ شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن قايناقسۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكى سۇ مىقدارىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ

ئەتىگەندە قېتىق ئىچىش- ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق، چۈنكى قېتىقنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتىراللاشتۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر قېتىق ئىچىپ بەرسە، كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. 


شوۋىرگۈچ تۈرىدىكى تاماقلار ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بولۇپمۇ ماش خوردا ئىچىش ئاشقازانغا تېخىمۇ پايدىلىق. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خۇاسىڭ، ئۆرۈك مېغىزى، ئاق شېكەر قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقتارى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئاشقازانغا ناھايىتى پايدىلىق.

ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى خۇاسىڭنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتتىگەنلىك ناشتىغا سەل قارىماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەھەردىكى باش قېيىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .