ئەتىگەنلىك تاماق يېيىلمىسە، ئاشقازان كىسلاتاسى يېمەكلىك بىلەن بىرىكەلمەي، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىگە تەسىر قىلىپ، ئاشقازاننى بىئارام قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن "ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى " كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ


 
  ئادەم ئۇخلىغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماق يېيىلمىسە، ئاشقازان كىسلاتاسى يېمەكلىك بىلەن بىرىكەلمەي، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىگە تەسىر قىلىپ، ئاشقازاننى بىئارام قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن "ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى" كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەتىگەنلىك تاماق يېيىلمىسە، ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىۋاتقان قەنت تەركىبى ۋە ئاقسىل خوراشقا باشلايدۇ- دە، ئاستا- ئاستا تېرە قۇرغاقلىشىش، قورۇق چۈشۈش ۋە كەم قانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەتىگەنلىك تاماق تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق پۈتۈن كۈنلۈك ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا يېيىلمىسە، ئېغىر بولغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى ۋە تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كەم قانلىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەتىگەندە ئاچ قورساق ۋاقىتتا بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماق يىيىلمىسە ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ. 
 
  ئوزۇقشۇناسلار يېمەكلىكلەرنى قوناق تەركىبىدىكىلەر، سۈت، كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋە قاتارلىق تۆت خىل تۈرگە ئايرىغان. ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماقتا يۇقىرقى تۆت خىل يېمەكلىك ھازىرلانسا، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغان ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىل تۈر ئىشلىتىلسە، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تۈر ياكى ئىككى تۈردىن ئاز بولسا، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى ناچار ھېساپلىنىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىگەندە بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ بېرىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەھەردە ئاشقازاننى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .