ئەتىگەندە بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار:

  ئەتىگەندە بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار:
 
    1 . چاي تەركىبىدىكى مۇرەككەپ فېنۇللار، شېكەر تۈرىدىكى پېكتىن، ئامىنۇ كىسلاتاسى قاتارلىقلار شۆلگەي بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئېغىزنى سىلىقلاشتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ ۋە ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.

2 . ئېغىز تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3 . سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاي ئىچكەندە، چاي تەركىبىدىكى خۇش پۇراق ماددىلار بىلەن كوفېئىن نېرۋا مەركىزىنى ئويغىتىپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ئۇيقۇنى ئاچىدۇ، ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.

4 . ئاشقازان ۋە ئۈچەينى يۇيۇپ، ھەزىم قىلىش يولىنى تازىلاپ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. 5 . بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك يەللىكىگە شىپا قىلىدۇ.

6 . كەچتە بەدەن يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
تۇرسۇنتاي تۇرغان تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چۈشلۈك دەم ئېلىشتا كۆزنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ياخشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتتىگەنلىك ناشتىغا سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .