چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق چۈشلۈك ئارامدا بەدەننى تولغاپ، قىڭغىيىپ ياكى بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇخلاش مۇسكۇلنىڭ زەخمىنىلىشىنى ۋە قان تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئۇزاق مۇددەت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ئاسانلا تۈرلۈك "كەسپىي كېسەللىك"كە گرىپتار بولىدۇ. 


  ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەم ئۈستەلگە يېپىشىپ ئۇخلىغاندا، نورمال ھالەتنى ساقلىيالمايدۇ. كۆكرەك ۋە بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىدۇ، بەدەننى تولغاپ، قىيسىپ ياكى ئۈستەلگە يېپىشىپ ئۇخلاش قاتارلىق خاتا ھالەتلەر قان ئايلىنىشقا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بەلنى تولغاش ئۇزۇق مۇددەت داۋاملاشقاندا، بەل مۇسكۇلىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە باشقا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئۇخلىماسلىق لازىم.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياز كۈنى چۈشتە ئۇخلىغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياز پەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۈزىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .