ياز كۈنلىرى نۇرغۇن كىشى چۈشتە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بۇ ياخشى ئادەت بولۇپ، چۈشتە ئۇ

  ياز كۈنلىرى نۇرغۇن كىشى چۈشتە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ياخشى ئادەت بولۇپ، چۈشتە ئۇخلىغاندا، ئادەمنىڭ ھارغىنلىقى تۈگەپ، روھىي كۆتۈرۈلۈپ، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئۈگىنىشكە كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە قاتنىشالايدۇ. ئۇيقۇسى كەم، تېنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىۋالسا، سالامەتلىكىگە زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ. ئەقلىي ئەمگەكچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار چۈشتە ئۇخلىۋالسا، مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ ئارام ئالدۇرىدۇ، چۈشتە ئازراق ئۇخلىۋېلىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، چۈشتە ئۇخلىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم: 

  تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىق كېرەك. چۈشلۈك تاماقنى ئادەتتە تويغۇدەك يېيىش تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن، چۈشتە ئاشقازان تاماق بىلەن لىق تولغان بولىدۇ. شۇڭا چۈشتە تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماستىن، ئون مىنوت يىنىك ھەركەت قىلىپ، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، ئاندىن ئۇخلاش كېرەك. 
 
  ئۇخلاش قىياپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۇخلاپ قوپقاندا ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇخلىغاندا ھەرگىز دۈم ياتماسلىق كېرەك. چۈنكى، دۈم ياتقاندا كۆكرەك بېسىلىپ، نەپەسلىنىشكە تەسىر يېتىدۇ. يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، قورساق قىسمىمۇ بېسىلىپ قالغانلىقتىن، ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشنى شىرەگە قويۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. چۈنكى شىرەگە باش قويۇپ ئۇخلىغاندا، قولنى ياستۇق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باشنى قولغا قويۇپ يېتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بارماقلار كۆيىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك. بۇنداق ياتقاندا يۈرەك، ئۆپكە ۋە قورساقنىڭ بېسىلىشىنى يېنىكلەتكىلى ھەم ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى 12 بارماق ئۈچەيگە سىلجىتقىلى بولىدۇ. 
 
  شامال كۈچلۈك يەردە ئۇخلىماسلىق كېرەك. ياز كۈنلىرى ئىسسىق بولغانلىقتىن، كىشىلەر شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەردە، شامالدۇرغۇچنىڭ يېنىدا ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئۇخلىغاندا، ئادەمگە ئوڭايلا سوغۇق تېگىپ قالىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلىغاندا، بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ فۇنكىسىيىسى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا شامالدىغان ھامان بەدەن تېمپىراتۇراسى تۆۋەنلەپ، سوغۇق تېگىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەمنىڭ ئاغزى مايماق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا چۈشتە سوغۇق شامال تېگىشتىن ساقلىنىش، ھاۋادا ئۆزگىرىش بولسا، نېپىز يېپىنچا يېپىنىۋېلىش كېرەك. 
 
  چۈشلۈك ئۇيقۇ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى كۈچلۈك تورمۇزلانغان بولىدۇ ھەم بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مېڭە نىرۋىلىرىنىڭ قوزغىلىشى تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەگەر چۈشلۈك ئۇيقۇ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ تورمۇزلىنىشى تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ، ئويغانغاندا باش ئېغىرلىشىپ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ، ئاڭ سېزىمى سۇسلىشىدۇ-دە، ئادەم گاراڭ- لەقۋا بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە چۈشتە 30 مىنوتتىن 45 مىنوتقىچە ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .