مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشكە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىكەن كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كەتكەندە، بىمار گەرچە روشەن بىئاراملىق ھېس قىلمىسىمۇ، ئەمما ئاسانلا يۈرەك، چوڭ مېڭە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

 


ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاش ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتىنى ئىلمان سۇغا چىلاپ بەرسە، پۇت ۋە پۈتۈن بەدەندىكى ئىنچىكە سوققاق تومۇر (ئارتېرىيە)، سوقماس تومۇر (ۋېنا) لار ۋە قىلدام تومۇرلار كېڭىيىپ، كېچىدە قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 سەيلە قىلىش ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15 - 20 مىنۇت سەيلە قىلسا، نېرۋا ئىچكى ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

 خىيال سۈرۈش تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىيال سۈرۈش مەشىقى قىلغاندا قان بېسىمنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4mm ~7mm سىماب تۆۋرۈكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن ھەمدە قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلەش ۋاقتى 5 ئايدىن يۇقىرى بولىدىكەن. كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويىۋېتىپ، ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا مەلۇم بىر جۈملە سۆزنى تەكرارلاش، ھەر قېتىمدا 10 - 15 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

 كۈندە بىر بانان يېيىش بانان تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، كالىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 كەچتە قورۇلغان كەرەپشە يېيىش كەرەپشە تەركىبىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دانەكچە مېيى، ماننىتول ۋە كەرەپشە ئېلېمېنتى بار، يەنە كەرەپشە تەركىبىدىكى ئالكالوئىد تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرى

 1. كۈندۈزدىكى تومۇر بېسىم پەرقى (تارىيىش بېسىمىدىن كېڭىيىش بېسىمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى قىممەت) 40mm سىماب تۆۋرۈكىدىن چوڭ بولۇش.

 2. كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، داۋاملىق چۈش كۆرۈش ياكى ئۇخلىغان ۋاقتى 6 سائەتكە يەتمەسلىك.

 3. قان زەردابىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسى 7.0 مىللىمول / لېتىردىن چوڭ بولۇش، ياكى ئاچ قورساق ھالەتتە قان قەنتى 07. مىللىمول / لېتىردىن يۇقىرى بولۇش.

 4. ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش

 5. ئەتىگەندە ئويغانغاندا بېشى قېيىش، ئاغرىش، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر ئاستا - ئاستا يېنىكلەش ياكى يوقاپ كېتىش.

 6. كۈندۈزى قان بېسىمى يۇقىرى بولماسلىق، كېچىسى قان بېسىمنىڭ تارىيىش بېسىمى 125mm سىماب تۆۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش ياكى كېڭىيىش بېسىمى 80mm سىماب تۆۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش (ئەڭ ياخشىسى بىر قانچە قېتىم ئۆلچەش كېرەك).

 ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ كېچىسى قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماقنى بەك كەچ يېسە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كەتكەندە ئۇيقۇ دورىسى ئىچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .