تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، چۈشلۈك تاماقنى مۇھىم بىلىدىغان ئادەتكە بارغانسېرى سەل قارىلىپ، كەچلىك تاماق ھازىرقى ئائىلىلەردە مۇھىم بىر ۋاخ تاماققا ئايلانماقتا

بەزى ئائىلىلەردە كەچ سائەت سەككىز - توققۇزلاردا، ھەتتا ئونلاردا تاماق يېيىلىدىغان ھەم تاماق يېيىلىپ بولۇپلا ئۇخلايدىغان ئادەت شەكىللەنمەكتە. بۇنداق ئادەت ئاسانلا ھەر خىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. 


يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، جىگەر كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تېز كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ كەچلىك تاماقنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى بار. كەچلىك تاماقتا كۆپىنچە ئاقسىل، ياغ قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەر ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا تاماقتىن كېيىنكى ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى قوشۇلسا، سالامەتلىككە زىيانلىق يوشۇرۇن خەۋپ كۆپىيىدۇ. 


كەچتە مۇۋاپىق غىزالىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 
بىرىنچى، كەچلىك تاماقنى ھەرگىز تويغۇچە يېمەسلىك كېرەك. كەچلىك تاماقنى ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا يېيىش، توققۇزدىن كېيىن سۇ ئىچكەندىن باشقا، ھىچقانداق نەرسە يېمەسلىك كېرەك. 
ئىككىنچى، كەچلىك تاماققا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەركىبىدە تالا ۋە كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرى كۆپ يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. 


ئۈچىنچى، كەچتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مېۋە، تاتلىق - تۈرۈم ۋە ياغدا پىشۇرۇلغان، قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كەچتە كالتسىي مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، مەسىلەن: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، قىلتىرىقلىق كىچىك بېلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك. بۇ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈگۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماقنى بەك كەچ يېسە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .