نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانيەت ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كىتىش، يۈرەك قان تومۇر، دىئابىت ، سېمىزلىك ۋە راك كېسەللىكلىرى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ب


  كەچلىك تاماقتا قورساق بەك تويۇپ كەتسە، قاندا شېكەر، ئامىنو كىسلاتاسى، ماي كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاز بولغانلىقتىن ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورۇشى ئاز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېشىنچا ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنسۇلىننىڭ تەسىرىدە ماي ھاسىل قىلىپ، ئادەمنى تەدرىجىي سەمىرىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە سېمىزلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. زور مىقداردىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبە ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ئىسپاتلىنىشچە، كەچلىك تاماقتا دائىم گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ قان بېسىمى دائىم گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا 3 - 4 ھەسسە يۇقىرى چىققان. قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كىتىش، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغانلار ئەگەر كەچلىك تاماقتا دائىم گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بىر ئىش بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىكەن. 
 
  ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يىسە، ئىنسۇلىننىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپىنچە ئىنسۇلىن B ھۈجەيرىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى زەئىپلەشتۈرۈپ، دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. 
 
  كەچلىك تاماقتا دائىم ھەددىدىن كۆپ ئىسسىقلىق مىقدارى قوبۇل قىلغاندا، قاندىكى خولېستېرون ئۆرلەپ، ھەددىدىن كۆپ خولېستېرون قان تومۇر دىۋارىدا يىغىلىپ قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئارتېرىيە قېتىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. 
 
  ئەگەر كەچلىك تاماقتا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ - ئىچكەندە، ئاسانلا ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى پەيدا بولۇپ، ئادەم ئۇخلاۋېتىپ شۈك بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرمىغاندا، كۆپىنچە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئۆت يولىدا تاش تۇرۇپ قېلىش، سازاڭ مەددە توسۇۋېلىش، سوزۇلما يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ ھەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. 
 
  كەچلىك تاماقتا قورساق بەك تويۇپ كەتكەندە، قىسمەن ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىپ كېتەلمەسلىكى مۇققەررەر. بۇ ماددىلار ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك، زىيانلىق بىر خىل ماددا ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغاندا ئۈچەي دىۋارىنىڭ لۆمىلدىشى ئاستىلاپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى توختاش ۋاقىتنى نىسپىي ئۇزارتىپ، چوڭ ئۈچەي راكى بولۇشنى تىزلىتىدۇ. 
 
  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، چۈنكى سۈيدۈك يولىدا پەيدا بولىدىغان تاشنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي كالتسىي بولۇپ، يېمەكلىكتىكى كالتسىي ئۈچەي دىۋارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈشتىن سىرت، كۆپ قىسمى بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى 4 - 5 سائەتتە بولىدۇ، ئەگەر كەچلىك تاماق بەك كەچ يېيىلگەندە، سۈيدۈك چىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ، سۈيدۈكنىڭ ھەممىسى سۈيدۈك يولىدا يىغىلىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا سۈيدۈك يولىدا تاش شەكىللىنىدۇ. 
 
  كەچلىك تاماقتا قورساق بەك تويۇپ كەتسە، ئاشقازان - ئۈچەي يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇقەررەر. جىددىي خىزمەت ئۇچۇرى ئۆزلۈكسىز ھالدا چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇيقۇسىز چۈش كۆرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كەسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. 
 
شۇڭا كەچلىك تاماقتا ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرشكە ئەھمىيەت بىرەيلى! 

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈگۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .