كىيىم – كېچەك، ئادەتتە، كۆك، قىزىل، سېرىق، ئاق، قارا رەڭلىك گەزماللاردىن تىكىلىدۇ، بۇنداق بولۇش مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە پەسىللەر بويىچە ئايرىغاندا، ئەتىيازدا كۆك رەڭلىك، يازدا قىزىل رەڭلىك، تومۇزدا ئاق رەڭلىك، كۈزدە سېرىق رەڭلىك، قىشتا قارا رەڭلىك كىيىم مۇۋاپىق كېلىدۇ

   ئۇنداقتا، كىيىم – كېچەك رەڭگىنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

كىيىم – كېچەك رەڭگىنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

   يازدا قىزىل رەڭلىك كىيىملەر نۇر دولقۇنلىرى بىلەن ئەڭ ئۇزاق ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، كۈن نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق نۇر تېرىنى ئاسراپ زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ، قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ. جىگىرى ئاجىز، قورقۇنچاق، ھودۇققاق كىشىلەر كۆك رەڭلىك كىيىملەرنى؛ يۈرىكى ئاجىز، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، يۈرىكى سىقىلىدىغان كىشىلەر قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى؛ تېلى ئاجىز، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى؛ ئۆپكىسى ئاجىز، كۆپ زۇكام بولىدىغان كىشىلەر ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى؛ بۆرىكى ئاجىز، سوغۇقتىن قورقىدىغان، بېلى تېلىپ ئاغرىيدىغان، كىچىك تەرىتى كۆپ ھەم سوغۇقچان كىشىلەر قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كۆپرەك كىيسە سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولىدۇ.

   ئەتىيازدا ئاق رەڭلىك كىيىم، يازدا قارارەڭلىك كىيىم، تومۇزدا كۆك رەڭلىك كىيىم، كۈزدە قىزىل رەڭلىك كىيىم، قىشتا سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس.

   ئەمما ساغلام كىشىلەرگە ھەر قانداق رەڭدىكى كىيىم ئانچە تەسىر قىلمايدۇ، لېكىن كېسەل بولۇپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا رەڭ تاللاش مۇھىم. كۆك رەڭنى مىسالغا ئالساق، تېلى ۋە ئاشقازىنى زەئىپ كىشىلەر كۆك رەڭلىك كىيىملەرنى كىيسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، كۆك رەڭ تال، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۆرىكى زەئىپ كىشىلەر سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېمەكلىكلەردىكى تەم بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .