ئەتىيازدا يەيدىغان يېمەكلىكلەر بەك كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يىسەك بولىدۇ،

دورىغا قارىغاندا ساغلام، زىيىنى يوق.شۇڭا ئادەتتە بىرقىسىم كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ قويۇش بەك زۆۈر، تۆۋەندە ئەتىيازدا يىيىشكە ماس كېلىدىغان بىرقانچە يېمەكلىكنى تونۇشتۇرىمىز.

1. تالنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك چىلان

ئەتىيازدا دالا پائالىيەتلىرى كۆپ، بەدەن كۈچى كۆپ خورايدۇ، زۆرۈر بولغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ كۆپ. لېكىن بۇچاغدا تال-ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ مايلىق نەرسىلەرنى يىيىشكە ماش كەلمەيدۇ، شۇڭا تاتلىق يېمەكلىك يەپ بېرىش كېرەك، چىلان شۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى تالنى ئەڭ قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك.

2. قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان قۇرۇق ئۈزۈم

قۇرۇق ئۈزۈم قۇۋۋەت يېمەكلىكى، ئادەم بەدىنىگە قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ.بىرقىسىم قان ئاز، ئادەتتە بېشى قايىدىغان كىشىلەر دائىم يەپ بېرىشى كېرەك. ئەتىيازدا باش قىيىشنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ماددىسى بار، شۇڭا قان ئاز كىشىلەر قۇرۇق ئۈزۈمنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك.

3. تالنى قۇۋۋەتلەپ، تال تولۇقلايدىغان قۇرۇق لۇڭيەن

قۇرۇق لۇڭيەننىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار. قۇۋۋىتى ئاجىز كىشىلەر ۋە ئەتىيازدا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان كىشىلەر قۇرۇق لۇڭيەننى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك، قۇرۇق لۇڭيەننىڭ تالغىمۇ پايدىسى بار.

4. پالەك ئەتىياز پەسىلدىكى تېرىككەكلىكنى باسىدۇ

ئەتىياز پەسلىدە پالەك يەپ بەرسىڭىز، زەھەرنى ياندۇرىدۇ، ئەتىياز پەسلىدىكى تېرىككەكلىكنى

5. سامساقنىڭ باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش رولى بار

زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، سامساق دورا-دەرمەك بولۇپلا قالماستىن دورىلىق قىممىتىمۇ يۇقىرى. دائىم يەپ بەرگەندە ئىشتىھانى ئېچىپ، باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

6. ئەڭ مۇۋاپىق ئۇششاق يېمەكلىك-قاتتىق پوستلۇق مېۋە

ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەپ بېرىش كېرەك، قاتتىق پوستلۇق مېۋىدە مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبى ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش تەركىبى بار، ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە روھىي چۈشكۈنلۈك، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاسان چارچاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

7. ئەڭ مۇۋاپىق ئىچىملىك: قىزىل چاي

ھەركۈنى بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ تۇرسىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىز مەنپەئەتلىنىدۇ، بولۇپمۇ سەھەردىكى 1-ئىستاكان سۇ بەك مۇھىم، ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ئىلىمان قايناقسۇ ئىچىۋەتسىڭىز، تېرىگە سۇ تولۇقلايدۇ، تەرەتنى ياخشىلايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا باھار پەسىلىدە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىيازدا ئاپتاپقا بەك قاقلانماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .