ئەتىيازدىكى بىنەپشە نۇر ۋە قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى تېرىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ شۇڭا ئەتىيازدا تېرە ئاسراشتا، ئەڭ مۇھىمى سۇ تولۇقلاشقا ۋە ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

قىشتا ئىشلەتكەن تېرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاش تەركببى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئەتىيازدا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا ھەم نەملىك ساقلايدىغان، ھەم ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
 

  يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى: ئەتىيازدا سۈتسىمان، مازغاپسىز، تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، لېكىن تېرىنى زەخمىلەندۈرمەيدىغان مۆتىدىل يۈز يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش، تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنى تازىلايدىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى بۇ پەسىلدە كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  نەملىك ساقلاش مېيى: راھەت، مايسىز بولغان ئەتىيازلىق نەملىك ساقلاش مايلىرىنىڭ تېرىنى تىنىتىش، راھەتلەندۈرىدىغان تەركىبلىرى بار. ئەتىيازدا تېرىگە گۈل چاڭلىرى رىئاكسىيە قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل مايلاردىكى تەركىبلەر مۇھىتنىڭ تېرىگە بولغان زەخمىسىنى تۈگىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىيازدا بەك تولۇق ئىقتىدارلىق نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلەتمەستىن، سۇ تولۇقلاش، نەملىك ساقلاش ئىقتىدارى بار مايلارنى تاللىغاندا قىلچە كۈچىمەيلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئەتىيازدا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىنى تاللىغاندا، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغانلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىيازدا ئاچچىقلانغاندا جىگەر ئاسان زەخىملىنىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى باھار پەسىلىدە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .