ئەتىياز كېلىپ ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بارىدىغان قا


  ئەتىياز كېلىپ ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بارىدىغان قان مۇناسىپ ئازىيىدۇ، مېڭە توقۇلمىلىرىغا بارىدىغان ئوكسىگېنمۇ ئازىيىدۇ. بۇ چوڭ مېڭىنى نىسبەتەن ھارغىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە كۆرۈلىدىغان چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەشغۇلات ۋاقتىغا رىئايە قىلىپ، بالدۇر يېتىپ ئەتىگەن تۇرۇپ، پائال بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ، غىدىقلىنىشنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ئالمىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى پات - پات ئېچىپ تۇرۇش ھەم ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، قېلىن كىيىملەرنى تەدرىجىي سېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئەتىياز پەسلىدە كۆرۈلىدىغان چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىيازدا يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىياز پەسلىدە ئادەملەر ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .