پالەك بىلەن پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ( دۇفۇ ) نى بىللە يىمەڭ : پالەك بىلەن پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قوشۇپ شورپا قايناتقاندا ، پالەك تەركىبىدىكى چۆپ كىسلاتاسى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىكى كالتىسىي بىلەن ئاسانلا بىرىكىپ ، تەستە ئېرىيدىغان كالتىسىي ئوكسالاتقا ئايلىنىپ ، بەدەننىڭ كالتىسىيىنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن بۇنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستىمال قىلسا ئورگانىزىملاردا تاش پەيدا قىلىدىكەن


 شوخلا بىلەن تەرخەمەكنى بىللە يىمەڭ : شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىن C مول ، لېكىن تەرخەمەك تەركىبىدىكى فېرمېنىت ۋىتامىن س نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنى قۇشۇپ يىسە ، ۋىتامىن C نىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز ئىكەن . 


 پالەك بىلەن تەرخەمەكنى بىللە يىمەڭ : پالەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى خېلى يۇقىرى بولۇپ ، تەرخەمەك بىلەن ئىستىمال قىلىنسا ، بەدەننىڭ ۋىتامىن C نى سۈمۈرۈشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن . 


 تەرخەمەك بىلەن يەر ياڭىقىنى بىللە يىمەڭ : تەرخەمەك تەبىئىيتى سوغۇق يىمەكلىك ، يەر ياڭىقى ( خواسىڭ ) تەركىبىدە ياغ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ، ئىككىسىنى بىللە يىسە ، ئىچىنى سۈرۈۋىتىدىكەن . 


 قىزىلمۇچ بىلەن تەرخەمەك ، كاۋىنى بىللە يىمەڭ : قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ناھايىتى مول بولۇپ ، تەرخەمەك ، كاۋا بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا ، ئادەم تېنىنىڭ ۋىتامىن C نى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن . 


 بانان بىلەن بەرەڭگىنى بىللە يىمەڭ : تېرىق تالنى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىم ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ، ئۆرۈك مېغىزى ئاساسلىقى ، سوغۇقتىن بولىدىغان ئۆپكە كېسەللىكىنى داۋالاپ ،قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ . لېكىن بۇ ئىككىسىنى بىللە يېسە ، قۇسۇش ، كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىيازدا قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر دورىنى تاللاپ سېتىۋېلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىيازدا چارچاشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .