ئۇخلاش ۋە قوپۇش ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولۇش باھار كېلىشى بىلەن تېرە كېڭېيىپ ،تەر بېز

ئۇخلاش ۋە قوپۇش ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولۇش .باھار كېلىشى بىلەن تېرە كېڭېيىپ ،تەر بېزى ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا ،ھەر قايسى ئورگانىزىملارنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ .لېكىن مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى بىر خىل تىنىچلىنىپ ،ئادەم بەدەن تالغاندەك ،ئۇيقۇ باسقاندەك ھېس قىلىدۇ .شۇڭا ئادەم ئامال بار ھۇرۇن ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماسلىقى ،بالدۇر ئۇخلاپ ،ئەتىگەن تۇرۇپ ،سىرتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . بۇنىڭدىن باشقا ،باھاردا ھاۋا رايى كۆپ ئۆزگىرىپ ،بىردەم ئىسسىق ،بىردەم سوغۇق بولىدۇ .ئادەمنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلايدۇ .شۇڭا ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار ئالدىراپ يېلىڭ كىيىۋالماسلىقى كېرەك .

 


  يېمەك -ئىچمەكنى تەڭشەش .باھار پەسلىدە ئادەم تېنىدە ماددا ئالمىشىش كۈچىيىدۇ .شۇڭا مايلىق ،خام سوغۇق نەرسىلەرنى كۆپ يىمەسلىك ،تەركىبىدە ۋىتامىن ب كۆپ بولغان يىمەكلىكلەر بىلەن يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش كېرەك .بۇنىڭدىن باشقا ،باھار پەسلىدە جىگەرنى ئاساسەن ئىسسىق قاپلايدۇ .ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى كۈچەيتېۋىتىپ ،تال بىلەن ئاشقازاننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .شۇڭا ئاقسىل ،ۋىتامىن ۋە مىنرال ماددىلاركۆپ بولغان قارا گۆش ،تۇخۇم ،سۈت ،ھەسەل پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر ،يېڭى كۆكتات ۋە مىۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك . 


  پەسىل ئالماشقاندا ئادەم تېنى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ .بەزىلەردە باھار پەسلىدە ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماي ،نېرۋا كېسەللىرى قوزغىلىدۇ .شۇڭا باھار پەسلىدە كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش ئاچچىقلانماسلىق ،كۆڭلى –كۆكسىنى كەڭ ،بەدەننى ئەركىن تۇتۇش ،تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشش كېرەك . 


  تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش .ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،باھار پەسلىدە دائىم بەدەن چېنقتۇرىدىغانلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ،ئىنكاسى تېز بولىدۇ ،ئاسان چارچىمايدۇ ،خىزمەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . 


  بەدەننى ئىسسىق تۇتۇپ ،كېسەلدىن ساقلىنىش .ھاۋا ئىللىغاندا كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە ۋە ۋىروسلارمۇ تېز كۆپىيىدۇ .بۇنىڭ بىلەن تارقىلىشچان زۇكام ،قىزىل ،تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى ،ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق تارقىلىشچان كېسەللەر ئاسان پەيدا بولىدۇ .شۇڭا كىشىلەر قېلىنراق كىيىنىپ ،تازىلىقىغا رىئايە قىلىشى ،ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى كۆپرەك ئالماشتۇرۇشى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىيازدا جىگەرنى ئاسراش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىيازدا جىددىيلىشىش خارەكتېردىكى باش ئاغرىقتىن ساقلىنىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .