ئەنگىلىيىلىك ئالىملار 1970-يىلى تۇغۇلغان 17مىڭ بالىنى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، 10ياش ئەتراپىدا داۋاملىق شاكىلات يەيدىغان بالىلارنىڭ ئىچىدە %68 ىنىڭ 34 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى زوراۋانلىق قىلىپ قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكىنى ،

   ئەنگىلىيىلىك ئالىملار 1970-يىلى تۇغۇلغان 17مىڭ بالىنى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، 10ياش ئەتراپىدا داۋاملىق شاكىلات يەيدىغان بالىلارنىڭ ئىچىدە %68 ىنىڭ 34 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى زوراۋانلىق قىلىپ قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكىنى ، باشقىلار بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە زوراۋانلىق ئۇسۇلىدا توقۇنۇشمىغان ئادەمنىڭ ئارىسىدا شاكىلاتقا ئامراق كىشىلەرنىڭ ئاران %42كە يېتىدىغانلىقىنى بايقاپ مۇنداق يەكۈن چىقاردى: تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ، زوراۋانلىق ھەركىتىگە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولىشى مۇمكىن.

زوراۋانلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەر

   بۇ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان سىمون مور مۇنداق دېدى: بۇ ھەرگىزمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار نەرسە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ، بالىلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ، ئېھتىمال شاكىلات ئارقىلىق بالىلىرىنى ياخشى ئىش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ئاتا–ئانىلار مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولسا كېرەك.

بىز ھەر خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆردۇق ، بىراق يەنىلا تاتلىق يېمەكلىكلارنىڭ بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ، زوراۋانلىق قىلىشى بىلەن زور باغلىنىشى بارلىقىنى بايقىدۇق. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹مەيلى بالىلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن ، نىسبەتەن ياخشى ئوزۇقلۇق نىسبەتەن ياخشى قىلمىشنى پەيدا قىلىدۇ›› دېيىلگەنىدى .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىلمىي غىزالانماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .