يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى

يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى 


  ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ھاراق يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ، قان تومۇرلىرىنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كالتسىي تۇزلىرى، خولېستېرول قاتارلىقلارنى قان تومۇرى دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل زىيادە ھاراق ئىچسە، ئاسانلا ئارتېرىيىنى قاتۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

   قېنىق چايدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى قېنىق چاي، بولۇپمۇ قېنىق قىزىل چايدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، قىزىل چاي تەركىبىدە چاي ئىشقارىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قوزغىتىپ، بىئاراملىق، ئۇيقۇ قېچىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كۆك چاي قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق.

   تۇزدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلور بولۇپ، ناترىي بەدەندە سۇيۇقلۇق، بولۇپمۇ قان سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا قان بېسىمى ئاغرىقلىرى تۇزلۇق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشى، قان بېسىمى نورمال كىشىلەرمۇ تاماقنى تۇزلۇق قىلىۋەتمەسلىكى، ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك تامىقىدىكى تۇز تۆت – بەش گرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك.

   ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇمدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر خولېستېرىننى كۆپەيتىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەر(گلۇكوزا، ساخاروزا، شاكىلات قاتارلىقلار) ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىدۇ. سېمىزلەردە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە كۆپىنچە سېمىزلىك قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلار يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.

   توخۇ گۆشى شورپىسىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. توخۇ گۆشى شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ئۇنى كۆپ ئىچسە قاندىكى خولېستېرىننى ۋە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى توخۇ گۆشى شورپىسىنى ئىچمەسلىكى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياغلىق يېمەك – ئىچمەك قىسقا ۋاقىتتىلا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زوراۋانلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .