ئەنگىلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجسىگە قارىغاندا ، مەيلى ئۇزاق ياكى قىسقا ۋاقىت ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىنسا ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يېتىدىكەن

ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، چاشقانغا توققۇز كۈن ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزگەندە ، ھەرىكەت ئىقتىدارى چوڭ مېڭە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن .

ياغلىق يېمەك – ئىچمەك قىسقا ۋاقىتتىلا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ

   ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ 12– ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا : مەزكۇر ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدى بىلەن 42 تەجرىبە چاشقىنىغا ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى بەرگەن ، بۇ ، ئىنسانلارنىڭ ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغان سۇلۇ ۋە قورۇق يەل–يېمىش يېگىنى بىلەن باراۋەر . ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار چاشقانلارغا ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى بەرگەن ، بۇ ، ئىنسانلارنىڭ ياغ تەركىبى يوقىرى بولغان ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگىنى بىلەن ئوخشاش .

  نەتىجىدە ، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، تەجرىبە چاشقىنى ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن : ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يەپ 5–كۈنى ئەڭ ئۇزۇن يۈگۈرۈش ئارىلىقى%30 قىسقىراپ كەتكەن ، 9– كۈنى %50قىسقارغان ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن ئۆرلەپ كەتكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يەتتە خىل ئەھۋالدا قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .