ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ

ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ


ﭘﯩﻴﺎﺯ, ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ, ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻱ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ, ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻨﯩﯔ  ﺋﯜﭼﻪﻳﺪﻩ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﮔﯜﻣﺒﻪﻣﻪﺩﻩﻙ, ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯧﺮﯨﻨﻘﯘﻻﻕ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ, ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻜﺮﻭ  ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﻗﯧﺘﯩﺶ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ, ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ, ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﻪ, ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ. ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ  ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ, ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ, ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﭘﺎﻟﻪﻙ. ﭘﺎﻟﻪﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ  ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﮕﯜﻝ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ, ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﺍ, ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦC ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦDD ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺳﯜﻧﻠﯩﺮﻯ. ﻻﻣﻨﺎﺭﯨﻴﻪ, ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺳﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ  ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ, ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.(ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺳﺎﺗﺘﺎﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپلېسىن ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻣﯧﻴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .