ئاپلىسىن ئىستىمال قىلغاندا تۆۋەندىكى بر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

ئاپلېسىن ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


 1.ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ئاپېلسىننى بەك كۆپ يېمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاشقازاندا تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپېلسىننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، زىيادە كۆپ يېگەندە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى بىلەن چىش ئەتراپى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

 2.ئاپېلسىن بىلەن كالا سۈتىنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن ئاپېلسىندىكى مېۋە كىسلاتاسى، ۋىتامىن C قاتارلىقلار ئۆزئارا رېئاكسىيەلىشىپ قېتىشما پەيدا قىلىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاپېلسىننى سۈت ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن يېيىش كېرەك.

 3.ۋىتامىن K، سۇلفانىلامىد (物药类胺磺)، سىپرونولوكتىن(通舒体安)، تىرىيىمتورىنس (啶喋苯氨) ۋە كالتسىي تولۇقلىغۇچى دورا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار ئاپېلسىن يېمەسلىكى كېرەك.

 4. يىڭى ئاپېلسىن شۆپىكىنى چاي دەملەپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان ئاپېلسىنلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈچۈن، يېڭى پېتى ساقلاش سۇيۇقلۇقى (خىمىيەلىك دورا ئېرىتمىسى)غا مەلۇم ۋاقىت چىلىنىدۇ، يېڭى پېتى ساقلاش سۇيۇقلۇقى مېۋە ئېتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما مېۋە پوستىدا ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇنى سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالتسىينى شورپا ئىچىپلا تولۇقلىغىلى بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .