كۆپلىگەن ئادەم شورپا ئىچىش ئارقىلىق كالتسىينى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش، چۈنكى شورپىنىڭ ياغ مىقدارى يۇقىرى، لېكىن كالتسىينى مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ

    سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈت، پۇرچاق، كۆكتات قاتارلىقلارنى يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇتۇلغان كىچىك راك، كۈنجۈت قىيامى قاتارلىقلار تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارىمۇ بىر قەدەر مول، يەنە كالتسىي ۋە ۋېتامىن Dتابلىتكىلىرىمۇ كالتسىي تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللاش.


سۆڭىكى سۇنغان بىمارلار ھاراق، قېنىق دەملەنگەن چاي ۋە قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇ كالتسىينىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، كالتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىگەرنى قوغدايدىغان تەبىئىي يېمەكلىك −− سەۋزە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپلېسىن ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .