جىگەر ئادەم ئورگانىزمىدىكى ئەڭ مۇھىم زەھەر تازىلىغۇچى ئەزا بولۇپ، ئورگانىزمغا كىرگەن زەھەرلىك ماددىلار جىگەر ئارقىلىق زەھەرسىزلىنىدۇ ياكى زەھەرنىڭ كۈچى تۆۋەنلەيدۇ شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا سەۋزىگە ئوخشاش ئورگانىزمدىكى ئەركىن رادىكاللار «زەھەرلىك ماددىلار»نى تازىلىغۇچى تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى دائىم نورمال ئىستېمال قىلغاندا، جىگەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپلا قالماي، جىگەرنى ئاسراش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ

چۈنكى، سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا مېۋە يېلىمى بولۇپ، ئۇ ئورگانىزمدا پەيدا بولغان سىماب، قوغۇشۇندەك ئېغىر مېتاللار بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى سىماب، قوغۇشۇن ئىيونلىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى مەلۇم نىسبەتتە تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى، جۈملىدىن بەدەننى قوغدايدۇ.
 
جىگەرنى قوغدايدىغان تەبىئىي يېمەكلىك −− سەۋزە

سەۋزە تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يەنە ئۈچەي يولىدىكى ھەر خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى تېزلىكتە سۈمۈرۈپ، ئۇلارنى چوڭ تەرەت ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان - ئۈچەينى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ھەم ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن، سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A مايدا ئېرىيدىغان ماددا بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغىمۇ چىداملىق بولۇپ، ئۇنى خام يېگەندە، ئورگانىزمدا تەستە سىڭىدۇ. شۇڭا، سەۋزىنى ياغدا قورۇپ ياكى گۆش بىلەن بىللە سۇدا پىشۇرۇپ ۋە ياكى قورداق قىلىپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ ئورگانىزمغا بولغان ئالاھىدە رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جىگەرنى قوغداپ ۋە ئاسراپ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گۆشسىز غىزالىنىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كالتسىينى شورپا ئىچىپلا تولۇقلىغىلى بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .