گەرچە بېلىق يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يىمەكلىك بولسىمۇ ، ئەمما ھەممە ئادەملەرگە ماس كېلىشى ناتايىن تۆۋەندە بىرقانچە تۈرلۈك بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان ئادەملەر توپلىمىنى تونۇشتۇرىمىز

 يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بار كىشىلەر بېلىق ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. بېلىق تەركىبىدە پۇرىن تۈرىدىكى ماددىلار بار، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دەل بەدەندىكى  پۇرىن ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ .

   قاناش خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار، يەنى قان پلاستىنكىلىرى ئازلاپ كېتىش ۋە ۋىتامىن K كەمچىل بولۇش قاتارلىق قاناش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك  ئالامەتلىرى بارلار بېلىقنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . چۈنكى بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى كاربون ئالكېن كىسلاتاسى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى چەكلەپ ، قانايدىغان كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .

   جىگەر قېتىشىش كېسىلى بارلار بېلىق ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ .جىگەر قېتىشقاندا بەدەندە قاننى توپلىغۇچى مولېكولىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى قىيىنلىشىدۇ  ، بۇنىڭغا قان پلاستىنكىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قوشۇلۇپ ، ئاسانلا قاناشنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر تەركىبىدە كاربون ئالكېن كىسلاتاسى مول بولغان بېلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېزلا ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .

قانداق كىشىلەر بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ناشتا قىلمايدىغانلار بەش چوڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .